قانچىلىك پۇلى بولسا بايلار قاتارىغا كىرگىلى بولىدۇ

خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتلىشىچە، يەر شارىدىكى باي نامراتلىق پەرقى بارغانسىېرى چوڭىيىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارى نۇپۇسىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدىغان باي كىشىلەر ئېگە بولغان بايلىق يەر شارىدىكى ئۇمۇمىي بايلىقنىڭ %87 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما زادى قانچىلىك پۇلى بولسا ئاندىن يەر شارىدىكى ئەڭ باي %10 ئادەمنىڭ قاتارىغا ياكى ئەڭ باي %1 ئادەمنىڭ قاتارىغا كىرگىلى بولىدۇ؟ ئەمما بۇ سۇئالنىڭ ھەقىقىي جاۋابى ئويلىغىنىڭزدەك چىقماسلىقى مۇمكىن.


خەيرى-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلشىچە، گەرچە دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا بايلار بۇنىڭدىن پايدا ئېلىۋېتىپتۇ.

 

نۆۋەتتە يەر شار نۇپۇسىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدىغان بايلار يەر شارىدىكى ئۇمۇمىي بايلىقنىڭ %87 نى ئېگىلىۋالغان بولۇپ، 2016- يىلىغا بارغاندا يەر شارى نۇپۇسىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدىغان بايلار يەر شارىدىكى ئۇمۇمىي بايلىقنىڭ %50 نى ئىگىلىۋالىدىكەن.

 

بۇ دوكلاتتا شىۋىتسارىيە بانكىسىنىڭ يەر شارىدىكى بايلىق دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار بايان قىلىنغان بولۇپ، شىۋىتسارىيە بانكسى 2010- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم يەر شارى بايلىق دوكلاتى چىقرىپ، يەر شارىدىكى شەخسى بايلىقنى ئەڭ ئىنچىكە ئەڭ شەرھىلەيدىغان ئەڭ يېڭى ماتېريال مەنبەسى دەپ نام ئالغان.

 

بۇ دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، سىزنىڭ پەقەت 3650 دوللار (22700 يۈەن خەلق پۇلى ) لىق مۈلكىڭىز بولسىلا، سىىز دۇنيا نۇپۇسىنىڭ %50 نى ئىگىلەيدىغان بايلار قاتارىغا كىرەلەيسىز.ئەمما 3650 دوللار لوندونلۇقلار ھەر ئايدا تۆلەيدىغان بىر ئايلىق ئۆي ئىجارە ھەققى بولۇشى، ياكى نۇرۋېگىيىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى بولىشى، ۋە ياكى ھىندىستاندىكى بىر ئاددى پۇقرانىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققى بولىشى مۇمكىن.

 

ھالبۇكى، 77 مىڭ دوللار پۇل بىر لوندونلۇقنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشلىتىدىغان ئاممىۋىي قاتناش خىراجىتى بولىشى، ياكى ئەنگىلىيىلىك ياشانغان كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش خىراجىتى بولىشى، ۋە ياكى بۇ ناۋادا بىر ئادەم ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسە شۇ ئادەم پۈتۈن ئۆمرىدە قەھۋە ئىچىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئۇمۇمىي پۇلى بولىشى مۇمكىن.

 

ناۋادا راسىتنلا سىزنىڭ 77 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 478 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) بايلىقىڭىز بولسا، ئۇنداقتا سىزنى تەبرىكلەيمەن. چۈنكى سىىز دۇنيا نۇپۇسىنىڭ %10 تىنى ئىگىلەيدىغان بايلار قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىردىڭىز.

 

ناۋادا سىزنىڭ 798 مىڭ دوللار بايلىقىڭىز بولسا سىزنى تېخىمۇ تەبرىكلەيمەن! چۈنكى سىز دۇنيادا نۇپۇسىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدىغان بايلارنىڭ قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدىڭىز. 798 مىڭ دوللار ئەنگىلىيەنىڭ ئوتتۇرچە ئۆي باھاسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا بۇيىچە 1- دەرجىلىك باي بىلگەيتىسنىڭ 1 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقتتا تاپالايدىغان پۇلى.

 

ئەمما بۇ 798 مڭ دوللار پۇل – گېرمانىيىلىك ئادەتتىكى بىر پۇقرانىڭ 25 يىللىق كىرىمى، ياكى رۇسىيىلىك بىر ئادەتتىكى پۇقرانىڭ 55 يىللىق كىرىمى ۋە ياكى ھىندىستانلىق بىر ئادەتتىكى پۇقرانىڭ 225 يىللىق كىرىمگە باراۋەر.



خەتكۈچلەر:
05-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek