سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاپرېل مۇنداق دېدى: 3- ئاينىڭ 26-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ 500 خادىمى ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ئۇرۇشتا ئېتىپ تاشلاندى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 6 ئەسكىرى قازا قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 10- ئاپرېل كېچىدە، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نەجران ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي قاراۋۇلخانىسىغا بىر راكىتامىيۇت قويۇپ بەردى، سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى بۇنىڭغا دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىپ قارشى تەرەپنى ئېغىر ئۆلۈم يېتىمغا ئۇچراتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ ئۇچ ئەسكىرى ئۇرۇشتا قازا قىلدى. ئۇندىن باشقا 2 ئەسكىرى يارىلاندى. ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن يەمەن چېگراسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇچ ئەسكىرى قازا قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved