سېنتەبىردىن باشلاپ شەھىرىمىز ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈشنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى شەھىرىمىزدىكى ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشكە بولىدىغان 14 ئورۇننى ئېلان قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 20- ئاۋغۇستقىچە شەھىرىمىزدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 792 مىڭ 14 كە يەتكەن. ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى كۈنىگە 810 دىن ئاپتوموبىلنى تەكشۈرگەن بولسا، ھازىر 1100 گە يەتكەن. سېنتەبىردە 1800 دىن 2000 غىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
ئ
اپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇرقى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئومۇمىي سانىغا قارىغاندا، ئۆكتەبىردىن بۇرۇن شەھىرىمىزدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىللارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش ۋە تەكشۈرتۈش يۇقىرى پەللە مەزگىلى كۆرۈلىدىكەن. لېكىن نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاي ئاخىرىدا ئاندىن تەكشۈرتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە باشلايدىكەن. ئەگەر تەكشۈرۈش داۋامىدا ئاپتوموبىلنىڭ كېرەكسىز گاز چىقىرىش ئۆلچىمى تەلەپكە توشمىسا، ئاپتوموبىل لاياقەتسىز قارىلىپ، رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى خىزمەت كۈنىدىمۇ تەكشۈرۈش ئاياغلاشماي، ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىكى ساياھەتكە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بەزى شوپۇرلار ئاپتوموبىلىنىڭ تەكشۈرتۈش ۋاقتى توشۇپ قالغان بولسىمۇ، تەكشۈرتمەي ھەيدەپ جەرىمانە تۆلەيدىكەن.
بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۈچ ئاي (تەكشۈرۈش ئېيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالدىغا سۈرۈشكە، يەنى ئاۋغۇست، سېنتەبىر، ئۆكتەبىرگىچە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرتۈشكە بولىدىكەن.
قاتناش ساقچى تارماقلىرى «ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى» دە ئاپتوموبىللارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شۇڭا شوپۇرلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە ئەسكەرتكەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشى چەكلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردىكى ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشتە ھاۋالە رەسمىيىتى بىكار قىلىنغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بۇ يىل «يىڭزې»، «لەنتيەنباۋ»، «خاڭفېي»، «شىنيۆ» دىن ئىبارەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتكەچكە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئورنى 14 كە يەتكەن. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۆزىگە يېقىن تەكشۈرۈش ئورنىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدىكەن.
1. شىنجاڭ «لەنتيەنباۋ» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى («سۇجۇ» يولىنىڭ غەربىي ئۇزارتىلغان بۆلىكى بىلەن «جۇڭكې» يولى كېسىشكەن جايدا).
2. شىنجاڭ «خاڭفېي» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى (ئۈرۈمچى - ئوتۇنكوزا تاشيولى 4816- نومۇر).
3. شىنجاڭ «يىڭزې» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى (ئۈرۈمچى - كۈيتوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تۇتىشىدىغان نەسىللىك كالا فېرمىسى ئەشيا ئوبورت باغچىسى يېنىدا).
4. شىنجاڭ «شىنيۆ» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى («رۇڭخې» جەنۇبىي يولى 1612- نومۇر).
5. ئۈرۈمچى «تيەنلىڭ» ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى («قىزىلتاغ» يولى 289- نومۇر).
6. ئۈرۈمچى «خۇيجەنيۈەن» ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى («ئوتتۇرا ئاسىيا» جەنۇبىي يولى 111- نومۇر).
7. شىنجاڭ «جىنيۈن» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى («مېھمان كۈتۈش» شىمالىي 1- يولى 146- نومۇر قوشۇمچە 16- نومۇر).
8. ئۈرۈمچى «شىنيا» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى(«قەشقەر» غەربىي يولى 628- نومۇر).
9. شىنجاڭ ئاپتوموبىل ئۈسكۈنىلىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى(«جىڭگاڭشەن» غەربىي كوچىسى بىلەن «جىنخۇ» يولى كېسىشكەن جايدا).
10. شىنجاڭ «سىپىڭ» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى (مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى «لۇڭخې» جەنۇبىي يولى 1219- نومۇر).
11. شىنجاڭ «خەيۋېي» ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى («دوستلۇق» جەنۇبىي يولى 142- نومۇر «ئۆستەڭ بويى» يولىدىكى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شىمالغا 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا).
12. شىنجاڭ «گوبىن» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى («چىداۋەن» شىمالىي يولى بىلەن شەھەر شىمالىي غول يولى كېسىشكەن جايدا).
13. شىنجاڭ «شىنلۇڭخې» موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى(مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى «لۇڭخې» جەنۇبىي يولى 1095- نومۇر).
14. ئۈرۈمچى شەھىرى «تۇڭشۈن پىڭئەن» موتوسىكلىت تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى (ئۈرۈمچى - گۇچۇڭ تاشيولى 3612- نومۇر).
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved