پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 بولغاندا ئىتالىيە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ناپالۇس كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا ئىنتىر مىلان كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ناپالۇس كۇلۇبىدىن ھىگۇائىن بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىردا ناپالوس كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجە بىلەن ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بۇ پەسىلنىڭ 7-ئايلانمىسدا بولغان. شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنتىر مىلان كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغانىدى. ئىككى كوماندا تارىختا جەمئىي 144 قېتىم ئۇچراشقان. ناپالوس كۇلۇبى 44 مەيدان ئۇتۇپ 38 مەيدان تەڭلىشپ 63 مەيدان ئۇتتۇرغان. 157 توپ كىرگۈزۈپ 205 توپ كەتكۈزگەن. ساھىبخان مەيداندىكى 73 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 35 مەيدان ئۇتۇپ 21 مەيدان تەڭلىشىپ 17 مەيدان ئۇتتۇرغان. 88 توپ كىرگۈزۈپ 68 توپ كەتكۈزگەن. ئىككى كوماندا ئىتالىيە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا 4 قېتىم ئۇچرىشىپ قالغان. ناپالوس كۇلۇبى دائىملىق ۋاقىتتا 1 مەيدان ئۇتۇپ 3 مەيدان تەڭلىشىپ قالغان. پەقەت بىر قېتىم نۇقتا توپ جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنتىر مىلان كۇلۇبىدىن ئىپادىسى ياخشى بولغان زاپاس ۋاراتار كاررىزو ۋە ناپالوس كۇلۇبىدىن ئارقا بېك سىترىنچ ئوخشاشلا پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 8 نومۇرغا ئېرىشتى.
ئىنتىر مىلان كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 30-كاررىزو. 21-سانتۇن. 23-رانۇگىيا. 5-ھۇئان. 55-ناگا تومو. 77-بىروزىۋىچ. 18-مېدىل. 91-شاچىللى. 8-ئېرنانىس. 28-پۇسكاس. 9-ئىكاردو.
ناپالوس كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 45-ئاندۇھال. 5-بۇلتوس. 3-سىترىنچ. 26-كۇرىبال. 33-ئالبىئول. 19-داۋىد لوپىس. 17-خامسىك. 6-دېرگۇسمان. 7-كاللېجون. 77-گالگانو. 9-ھىگۇائىن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved