ئامېرىكا ئاقساراي 13-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئاساسلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئوباما بان كىمون بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ئىبولا يۇقۇمىنىڭ يامرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان خادىملار، ئۈسكۈنىلەر ۋە دورا بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ سەھىيە ئەمەلدارى 12-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا زېمىنىدا بايقالغان تۇنجى ئىبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بىلەن ئۇچراشقان بىر ئايال سېسترانىڭ سېسترالىق تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئىبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved