گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدىكى ئورگىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن تاقالدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى شۇ يەر ۋاقتى 17-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسى ئىچىدىكى دىپلوماتىيە ئورگىنى ۋە بىر مەكتىپى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، بىر كۈن تاقالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيە پايتەختى ئەنقارە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خارەكتېرلىك ماشىنا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 35 ئادەم قازا قىلغان.

گېرمانىيە كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن پارتىلىتىش ھۇجۇمى ۋە بۇ قېتىم پەيدا بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن كېيىن، گېرمانىيە دەرھال تۈركىيە چېگراسى ئىچىدىكى بىر مەكتەپ ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئورگىنىنى ئوخشاش شۇ كۈنى، تۈركىيەدە جانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق تەشكىلات كورد ئەركىنلىك بۈركۈتى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز يېقىندا ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خارەكتېرلىك بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىمىز. 

بۇ تەشكىلاتنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ماشىنا بومبىسى ھۇجۇمى بىر قېتىملىق «ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ھېسابلىنىدىكەن، يەنى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەن. تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ھەرىكىتى نەچچە يۈزلىگەن ئامما، قوراللىق قىسىمنىڭ ئەزالىرى ۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغان.

كورد ئەركىنلىك بۈركۈتى تەشكىلاتى مۇنداق دېگەن: يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمنىڭ نىشانى بىخەتەرلىك قىسمى، ھەرگىزمۇ پۇقرالار ئەمەس، ئەمما ساقچىلار بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىقتىن نۇرغۇنلىغان پۇقرالار قازا قىلدى. بىزنىڭ كەلگۈسىدە قوزغايدىغان ھۇجۇملىرىمىزدا پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشىدىن ساقلىنالمايمىز.




خەتكۈچلەر:
18-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ھىندسىتاننىڭ شىمالىي قىسىمىد...
04-05-2016
     ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش، ياشلارنى ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش››قا يېتەكلەش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن مەركىزىي خەل...
04-05-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ماي تېلېگراممىسى:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە ...
04-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى:    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى    44-نومۇرلۇق   «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بو...
04-05-2016
   ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مىننېسوتا شىتاتىدىكى تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بەش ئاي بولغان نورا خار ئىسىملىك قىز بوۋاق سەكتە كېسىل...
04-05-2016
    ئەنگىلىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان «پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» نىڭ بۈگۈن فىلىم مەيدانى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، چەتئەل تاراتقۇلىرى فىلىم نەق مەيدانىدىن ناھايىتى يىراقتىكى تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ بىر قاتار سۈرەتلەرنى تارتتى. د...
02-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزىگە نىقاب كېيىۋالغان فرانسىيەلىك ياشلار 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە تۈزۈلىۋاتقان ئەمگەك قانۇن ئىسلاھات...
02-05-2016
    بۇلتۇر، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدا 2 نەپەر 14 ياشلىق ئۆسمۈر دېڭىزغا چىققاندا يوقاپ كەتكەن ئىدى. يېقىندا، ئۇلار ئولتۇرغان كېمە بايقالدى، كېمىدە ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ iPhone 6 يانفونى بار ئىدى. ئالما شىركىتى بۇ iPhone 6 يانفو...
02-05-2016
   يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «2016-يىللىق زور سانلىق مەلۇمات كەسپى يىغىنى»دا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپى بۆلىمىنىڭ باشلىقى شىيې شاۋفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر زور سانلىق مەلۇمات كە...
02-05-2016
    مىلا يوۋوۋىچ، شون روبېرتىس قاتارلىقلار باش رول ئالىدىغان «بىئو-خىمىيە كىرىزىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئالتىنچىسى ياپونىيەدە ئەڭ بۇرۇن قويۇلىدۇ. ھازىر فىلىمنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە قويىلىدىغانلىقىنى بېكىتى...
Powered by Leglek