2016-يىل نېمىشقا ئامېرىكا دوللىرى يىلى بولمايدۇ؟

       خۇيفېڭ بانكىسى (HSBC) نىڭ پەيشەنبە كۈنى (7-يانۋار) دىكى ماقالىسىدە 2016-يىل نېمىشقا ئامېرىكا دوللىرى يىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

      بازاردىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر 2016-يىل ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆسىدۇ دەپ مۆلچەرلەۋاتىدۇ، مەزكۇر بانكىنىڭ مۆلچەرىچە 2016-يىلدا ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەيدۇ. بىز 2015-يىل 3-ئايدىلا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بازاردىكى كۈچلۈكلۈكى ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارىغانىدۇق، ھېلىھەممۇ شۇ كۆز قارىشىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. مۆلچەرىمىزچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى توختاپلا قالماستىن بەلكى چۈشۈشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك:

      1.ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىدە ئامېرىكا دوللىرى چۈشىدۇكى، ئۆسمەيدۇ.

تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشنى باشلىغاندا ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ كەلگەن. بۇندىن باشقا، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ 2016-يىلدىكى ئۆسۈم قوشۇش قەدىمى 2008-2009-يىللىرىدىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن ئۆسۈم قوشقان مەركىزى بانكىلارغا ئوخشاش كەپتەر مەزھىپىگە مايىل بولۇشىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

(بۇندىن ئىلگىرىكى ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكلىرىدىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىپادىسى)

2.ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ياۋروغا بېسىم قىلىش كۈچى ئاجىزلاشتى.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، سېتىۋېلىشقا بولىدىغان زايوم تۈرلىرى ۋە مەركىزى بانكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قوللاش دەرىجىسى جەھەتتىمۇ چەكلىمىلىككە ئىگە.

(ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ۋە ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋىتىش كۆلىمى)

3.ياپونىيە مەركىزى بانكىسى 2016-يىلدا قويۇۋىتىش كۆلىمىنى كېڭەيتمەيدۇ.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسىغا ئوخشاش، ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋىتىشىمۇ يۇقىرى چەككە يېقىنلاپ قالدى. ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 2016-يىللىق پۇل سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- ئۆسۈم نىسبىتى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى بولغان يادرولۇق پۇل پاخاللىقى قورالىدىن قارىغاندا ياپونىيە يىنىنىڭ يەنىمۇ بوشىتىلىش بېسىمى ئاجىزلاشماقتا.

مەزكۇر بانكىنىڭ مۆلچەرىچە EURUSD قىممىتى 2016-يىل ئاخىرىدا يېتىدىغان نىشان 1.20، USDJPY 2016-يىل ئاخىرىدا يېتىدىغان نىشان115.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek