ئىراق ساقچىلىرى 18-يانۋار دېيىشىچە، يېقىندا ئىراق پايتەختى باغدادتا تۇتقۇن قىلىنغان 3 ئامېرىكا پۇقراسى ۋەقە يۈز بەرگەندا باغدادتىكى بىر پاھىشخانىدا بولۇپ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بارلىق كۈچى بىلەن بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋېتىپتۇ
باغداد ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى سائاد 18-يانۋار دېيىشىچە، بۇ ئۈچ ئامېرىكا پۇقراسى 17-يانۋار باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى بىر پاھىشخانىدا ۋاقتىدا تۇتقۇن قىلىنغان، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ساقچىلار قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئامېرىكىلىقنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋېتىپتۇ.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىراق ئىچكى سىياسىي ئىشلار ئەمەلدارى 18-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، ئىراق ۋە ئامېرىكا نۆۋەتتە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى قاتتىق چەكلەۋېتىپتۇ، نۆۋەتتە خەۋەر بېرىلگىنى ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى باغدادتىكى كۆپلىگەن رايوندا ئەسكەر كۈچىنى كۆپەيتكەن ھەمدە كۆپلىگەن ئاساسلىق يوللاردا ۋاقىتلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلغان.
خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئىراق مىللىي ئاگېنتلىقى 17-يانۋار دېيىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان 3 نەپەر ئاېرىكىلىق ھەبىي مەشىق مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇلار تەرجىمانىنىڭ باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى ئائىلىسىدە بىر توپ قوراللىق خادىملار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ تەرجىمانىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved