چىش ساغلاملىقى توغرىسىدا

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

چىش ساغلاملىقى تەن ساغلاملىقىنىڭ بىر ئامىلىدۇر. چىشنىڭ ساغلاملىقى بولسا توغرا ھەم ئىلمىي بولغان چىش تازىلىقىدىن بارلىققا كېلىدۇ. خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە ئۆگىنش بېسىمىنىڭ يۇقىرى بۇلىىش ۋە سەل قاراش تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چىش ساغلاملىقى توغرىسىدىكى بىلىملىرى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ،ئېغىز دەل نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى ،ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى .ئەلۋەتتە چىش تازىلىق بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تېما ،چىش تازىلىقىنىڭ ئىلمىي بولۇشى ھەققىدىكى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە ئەتتىگەن ھەم كەچتە ئوخشاشمىغان چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەن ياخشىكەن.


چىشنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن چىش پاستىسى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.كۆپ قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاجرىتىپ چىقىرىلغان شۆلگەينىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار. كۈندۈزى شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كېچىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈندۈزى ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەك.


ئادەم ئۇخلىغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن باكتېرىيەلەر ناھايىتى ئاسانلا پەيدا بولۇپ، تۈرلۈك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كەچتە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەك. بىرلا خىل چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەندە، بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ
چىشنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى بالدۇرراق بايقاش چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق.


چىشنىڭ قىزىرىپ قېلىشى، ئادەتتە، چىش مىلىكى قانىغانلىقتىن بولىدۇ، ئەمما ئاساسلىق سەۋەب ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىندۇر. مەسىلەن: بەدەندە ۋىتامىن Cكەمچىل بولسا ئاسانلا چىش مىلىكى يەللىكلىنىپ، چىش مىلىكى قاناش ۋە چىش مىلىكى ئىششىش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا چىش مىلىكى يوغىناپ ۋە ئۇزىراپ، يۇمشاق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، سەللا بېسىلسا قانايدۇ. ئىششىغان چىش مىلىكى چىش تاجىنى قاپلىۋېلىپ، سىرتقى يۈزى چىرىش، جاراھەتلىنىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىش قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە ئېغىز پۇرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ۋىتامىن C نى تولۇقلاش ھەم داۋالىتىش كېرەك.
چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشى، ئاساسلىقى، فتورلۇق چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن بولىدۇ. فتورلۇق چىش كېسىلى چىشنىڭ يېتىلىپ كالتسىيلىشىش دەۋرىدە ئادەم بەدىنى فتورنى زىيادە قوبۇل قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى تەبىئىي سۇلارنىڭ تەركىبىدە فتورنىڭ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئاسانلا شۇ رايونلاردىكى كىشىلەردە فتورلۇق چىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، چىشنىڭ سارغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار.

مەسىلەن: تاماكا چېكىش، قېنىق چاي ئىچىش، قەھۋە ئىچىش، شۇنىڭدەك بەزى جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچىش قاتارلىقلار. چىشنىڭ قارىداپ، قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قېلىشى - چىش بەزىدە قوڭۇر ياكى قارا رەڭگە كىرىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قۇرت يېگەن چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتۇر. قۇرت يېگەن چىش تېيىز قۇرت يېگەن، ئوتتۇرا ھال قۇرت يېگەن ۋە چوڭقۇر قۇرت يېگەن چىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. دەسلەپتە چىش ئېمالىدا قوڭۇر رەڭلىك ياكى قارا قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولىدۇ ۋە چىشنىڭ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن چىشنىڭ سىرتقى يۈزى بۇزۇلىدۇ. چىشلارنىڭ قوشنا يۈزىنى قۇرت يېيىش دەسلەپتە چىشلارنىڭ تېگىشىش يۈزىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنى ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. چىشنى ئوتتۇراھال قۇرت يېسە چىشنىڭ چىرىشى چىش ئاساسىي ماددىسىغا يەتكەن بولۇپ، چىش ئاساسىي ماددىسىدا تېيىز تۆشۈكچىلەر شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم سوغۇق، تاتلىق، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېسە چىشى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. لېكىن بۇنداق تەسىرلەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ئاغرىش دەرھال يوقىلىدۇ. چىشنى چوڭقۇر قۇرت يېسە چىرىش چىش ئاساسىي ماددىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يەتكەن، چىش يىلىكىگە يېقىنلاشقان ياكى چىش يىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاغرىقنىڭ چىشى سوغۇق، ئىسسىق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىقنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ. چىشنى قۇرت يېيىش، ئاساسلىقى، باكتېرىيە، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھامىلدار ئاياللارنىڭ چىش ساغلاملىقى توغرىسىدىكى بىلىملىرى ئوخشاشلا چوڭقۇر بۇلىىشى كېرەك ،مەسلەن :ئەگەر كەلگۈسى ئانىنىڭ قۇرۇت يېگەن چىشى بولسا ياكى چىش ئاغرىيدىغان ئۇششاق كېسەللىكلىرى بولسا بالدۇر داۋالىنىش كېرەك ،چۈنكى ھامىلدار مەزگىلدە (بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى3ئاي ۋە كېيىنىكى 3ئيىدا)چىش تارتقۇزۇش،لازىر نۇردا تەكشۈرۈلۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ھامىلىگە ھەمدە ھامىلدار ئاياللارغا زىيانلىق.


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
22-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
30-04-2016
    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
30-04-2016
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
30-04-2016
    گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
29-04-2016
    زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
Powered by Leglek