ياپونىيە ‹‹ئىقتىساد خەۋەرلىرى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹‹مارۇ ئېخىمې›› ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ ئېخىمې ناھىيەسىدە شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-فېۋرال تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2001-يىلى ئامېرىكا ھاۋاي دېڭىز تەۋەلىكىدە ياپونىيە ئېخىمې ناھىيەسى لىيۈخې ئارىلى سۇ مەھسۇلاتلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ‹‹مارۇ ئېخىمې›› ناملىق پىراكتىكا كېمىسىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى سوقۇۋەتكەن، نەتىجىدە توققۇز كىشى قازا قىلغان.
بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تىلاۋەت قىلغان، تەخمىنەن 300 دەك كىشى بۇ ۋەقەنى ئۇنۇتماسلىق ھەققىدە قەسەم بەرگەن.
بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن: گەرچە بۇ ۋەقەنى ئويلىغۇمىز بولمىسىمۇ، ئەمما بۈگۈن بۇ قايغۇلۇق كۈننى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇراسىم پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، يەنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:43 تە ئۆتكۈزۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved