مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ 6-سېنتەبىر تيەنجىندە مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش-ئېلىمىز ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ چوڭ بولۇشتىن كۈچىيىشىگە قاراپ ھالقىما تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىدىن 20 مىڭ 400 ى سېتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 ھەسسە ئاشتى. ۋەن گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىش مەزگىلى ۋە كەسىپنىڭ ئىسلاھ قىلىش مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.
ئۇ تۆت چوڭ تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىياتغا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، بازارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنى پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىشكە يېتەكلەش؛ ئىككىنچىدىن، بازار مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش ئۆتكىلىنى بوشىتىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئاممىۋى سەھنە قۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئاساسىي تەتقىقاتى ھەم نۇقتىلىق، ھالقىلىق تېخنىكىلارغا بولغان سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىش؛ تۆتىنچىدىن، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved