ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەۋېرىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى ئىلھامى ھەمدە رايون توقۇنۇشى ئامىلىنىڭ تەسىرىدە ھەر بىر تۇڭى ماينىڭ باھاسى 107.73 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ، بىر مەھەل يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نوقتىغا يەتتى. ئارقىدىن ماي باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ كېتىپ، ئەڭ ئاخىردىكى بىر مەزگىلدە نيۇ يورك سودا تاۋارلىرى بازىرىدا ھەر بىر تۇڭ ماينىڭ باھاسى بىر مەھەل 80 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ كېتىپ، 2012-يىلى ئىيۇندىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى. سىبۇلۇنتتا ھەر بىر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 82.93 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ كېتىپ، 2010-يىلى نويابىردىن بۇيانقى يېڭى يېڭى تۆۋەن نۇقتا بولۇپ قالدى.


ماي باھاسىنىڭ مۇشۇنداق چۈشۈۋېرىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى داۋاملىق ئاجىزلىشىۋاتقان ئېھتىياج ۋە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش مۇقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارادا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىغاندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ھالسىراپ كېتىپ، ماي باھاسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغان بولۇپ قالدى، خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئورگانلار بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ئېھتىياجنىڭ مۆلچىرىنى تۆۋەنلەتتى. خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۇنيادا خام نېفىتنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال مىقدارى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تۆۋەن بولىدىكەن، ناۋادا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنىلا ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلىسا، نېفىت بازىرىدا كۈنىگە بىر مىليون بىر يۈز مىڭ تۇڭ ئېشىندا نېفىت پەيدا بولىدىكەن.


ئېھتىياج تويۇنغان ئەھۋالدا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىرغىچە يۇقىرى مەھسۇلاتنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ يىل ئىيۇلدىن سېنتەبىرگىچە، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، سېنتەبىردە بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. گەرچە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلەر يىلقى كۈندىلىك مەھسۇلاتنى 500 مىڭ تۇڭ ئازايتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت تەلىپى ئوخشىمىغاچقا، باھانى ساقلاپ مەھسۇلاتنى ئازايتىشتا ئىچكى قىسمىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئىنتايىن قىيىن.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئىستىمال چوڭ دۆلىتى بولغاچقا، ئۇنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. بۇ يىل سېنتەبىردە كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 700 مىڭ تۇڭغا يېتىپ، 1986-يىلى ئىيۇلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، كېلەر يىلى 9 مىليون 500 مىڭ تۇڭدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار. ئامېرىكىنىڭ نېفىت سودا قېلىپىدىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن تەتۈر ئايلىنىش بولدى، ئىمپورت زور مىقداردا ئازلاپ، ئېكسپورت سۈرئىتى تېزلىدى. بۇ يىل سېنتەبىردە ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئېكىسپورت مىقدارى ئون يىل ئىلگىركىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىدى، ھازىر دۇنيا بويىچە يېڭىدىن ئاشقان نېفىت تەمىنات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى ئامېرىكىدىن كېلىدۇ.

 

ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيەسى كۈندىن كۈنگە مۇستەقىل بولۇپ، بۇ شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ چوڭ دۆلەتلىك سىياسىي ئېلىشىشتىكى پىشكىسىنى كۆپەيتتى. شۋيتسىيە دۆلەتلىك بانكىسى تارقاتقان دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر تۇڭى بويىچە ھېسابلىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت تەننەرقى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، يەتتە ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، رۇسىيەنىڭ 30 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نېفىت باھاسىدىكى نېفىت تەننەرقى 125 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن؛ ئامېرىكا چوڭقۇر دېڭىز نېفىتىنىڭ تەننەرقى 59 ئامېرىكا دوللىرى، سلانتېس مېيى 75 ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن. خەلقئارادا ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 85 ئامېرىكا دوللىرى بولۇش شەرتى ئاستىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پايدا زىيىنى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ماي باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كەتكەچكە، ئىقتىسادتا ئېنېرگىيە ئېكىسپورتىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە تايىنىدىغان رۇسىيە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىپلا قالماستىن، ئىران قاتارلىق ئامېرىكا بىلەن چىقىشالمايدىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېقىنقى بىر مەزگىلدە خەلقئارادىكى ماي باھاسى داۋالغۇشىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي ئامىلنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.


بازار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى دۇنيا نېفىت بازىرىدا تەمىنات يېتەرسىز بولۇشتىن ئاز مىقداردا ئېشىندا ھالىتىگە كىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى نېفىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ باھاسىدا بېسىم پەيدا قىلىپ، ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەسلىشىدىكەن. لېكىن ھازىر بازاردا كەلگۈسىدىكى ئېھتىياج مۆلچىرىگە قارىتا بىر قەدەر ئىنكاسلار پەيدا بولۇپ، ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈش بوشلۇقى چەكلىك بولماقتا.


نېفىت ئەڭ تۈپ ئېنېرگىيە مەھسۇلاتى، ھازىر دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە ئىستېمالنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى باشقا نېفىت خام ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئېھتىياج ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك پەيدا بولغان ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ۋە ئىستىمالچىلارغا ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز. يەنە كېلىپ باھا داۋاملىق تۆۋەن بولۇشمۇ دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان خېيىم خەتەرنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان نېفىت بازىرىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللەپ روناق تېپىشىغا ھەقىقىي پايدىلىق.



خەتكۈچلەر:
24-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek