خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى : ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 3-ئىيۇل ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېدىنبۇرگدىكى StGiles چېركاۋىدا قەدىمكى خوخا گۈلى ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .ئېدىنبۇرگنىڭ كىنەزى فىلىپ شاھزادە ، كامبىرىج كىنەزى ۋېليام شاھزادە ، خان جەمەتى مەلىكىسى ئاننا قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى . گەرچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن يۇقىرى ℃ 28 بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئوردا ئەزالىرى ئەنئەنىۋى پاسوندىكى يېشىل رەڭلىك مەخمەلدىن ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان ئىدى .
خوخا گۈلى ئوردېنى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە دۆلەتكە زور تۆھپە قوشقانلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ ، شوتلاندىيەنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى ، شۇنداقلا ئەنگىلىيەدىكى ‹‹ گارتېر ئوردېنى ›› دىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان شەرەپ ئوردېنى ھېسابلىنىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved