جاھان ئاگېنتلىقى 7-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسىى؛ لىۋىيەدىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئۇچرىشىش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا، لىۋىيە باش تەپتىشى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. دۆلەتتە يەنە 10 نەپەر چەتئەللىك غايىب بولدى.
ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان لىۋىيەدىكى قالايمىقانچىلىق، لىۋىيە باش تەپتىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ زورايدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىۋىيە باش تەپتىشى ئىبراھىم بەشىييە، پايتەخت ترابلۇستىكى ئادالەت سارىيىدىن چىقىۋاتقاندا نامەلۇم قۇراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ۋەقەگە كىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانمىدى. بەشىييە 2014-يىلى سىنتەبىردە پىنسىيەگە چىققان باش تەپتىش ئابدۇلقادىر رىدۋاننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.
ترابلۇستا بىر نىفىت مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 10 نەپەر چەتئەللىك ئىشچى غايىب بولدى. چېك جۇمھۇرىيتى تاشقى ئىشلار مىنستىرى لۇبومىر زارلىك، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئارىسىدا بىر نەپەر چېك جۇمھۇرىيتى پۇقراسى ۋە يەنە بىر ئاۋىسترالىيەلىكنىڭ بارلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ فىلىپپىن، بىنگاللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
راباتتا يارىشىش ئۈمىدى
لىۋىيە سابىق رەھبىرى مۇئەممەر قەززافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى ئارمىيە، ئىككى پارلامېنت ۋە ئىككى ھۆكۈمەت مەيدانغا كەلگەن بۇ دۆلەتتە تۇقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ماراكەش پايتەختى راباتتا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئۇچرىشىشنىڭ ئىككىنجى كۈنى ترابلۇستىكى مىللى قۇرۇلتاي ئەزاسى سالىھ مەھزۇم ئۇچرىشىشتا ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: « كېلىشىمنىڭ ئىشارەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھازىر يېڭى بىر سەھىپە ئاچتۇق ۋە كېلىشىم تۈزگەن ئەھۋالدا ئېنىق ھۇقۇققا ئىگە بىر ھۆكۈمەت ھەققىدىكى ئىشەنچىمىزنى سۆزلىدۇق». ، ئۇ يەنە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئىشەنچىمىز بىلەن تۈزىلىدىغان كېلىشىمنىڭ لايىھەسىنى ب د ت غا سۇنىمىز.دېدى.
راباتتا نەخ مەيداندىن خەۋەر قىلغان ئەل جەزىرە مۇخبىرى ھاشىم ئاھىل بەررا، ئۇچرىشىشتا ئىلگىرلەش بولغان ئىككى تىمىنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ۋە مىللى بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەگەر كېلىشىم تۈزۈلسە ھەر قايسى تەرەپلەر ھەپتە ئىچىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈچۈن راباتتا يىغىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved