بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشىڭ ياپونىيىنىڭ يېقىندا جۇڭگو ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە يېقىنلاشقانلىقىنى كۆپتۈرۈپ ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا قارا سۈركىگەنلىكىگە قارىتا كەسكىن ئىنكاس قايتۇردى .
ئۇ مۇنداق دېدى :‹ دېڭىز ھاۋا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە زادى كىم بۇ بوشلۇقتا چاتاق تېرىپ قويۇۋاتىدۇ ؟كىم خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ؟ياپونىيە ئۆزىنى تەكشۈرمەكتە يوق ئەكسىنچە گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ ،بۇنىڭ قىلچىمۇ ئاساسىي يوق ،.شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ پەرقلەندۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق سىياسەت بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ،جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن چەتئەل ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشى زۆرۈر بۇ خەلقئارادا قوللىنىۋاتقان قائىدە .بۇ قېتىم جۇڭگو ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئۇچراشقاندا ،جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىنىڭ مەشغۇلاتى كەسپى بۇلۇپ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ،ۋەقە پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بۇلغان خەتەرلىك ھەرىكەتكە قارىتا بىز شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىزكى ،جۇڭگو شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ياپونىيىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى جۇڭگونىڭ چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانىغا ئۇزاق ۋاقىت يېقىندىن ئەگىشىپ 10 نەچچە قېتىم كۆزەتتى ، خەتەرلىك ھالدا يېقىنلاشتى ،ھەمدە نورمال ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى .
مەسلەن ،2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۈن 8 بەلگىلىك ئايروپىلانى شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنى چارلاۋاتقاندا ،ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ F15بەلگىلىك ئىككى ئايروپىلانى يېقىندىن ئەگىشىپ 34مىنوت كۆزەتتى .ياپونىيىنىڭ ئايروپىلانى جۇڭگونىڭ ئايروپىلانىغا 10 مېتىرچە يېقىنلاشتى .بىز ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ يېقىنلاپ كۆزىتىشتەك ھەرىكىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق ھەم تۇلۇق ئىسپاتقا ئېرىشتۇق ›.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى :‹شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش قائىدىسى قاتارلىق سىياسەت بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ،جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانى شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن چەتئەل ھەربىي ئايروپىلانىنى چوقۇم تەكشۈرۈپ دەلىللىشى زۆرۈر ،بۇ خەلقئارادا يولغا قۇيۇلۇۋاتقان نىزامنامىگە ئۇيغۇن›. ،ئۇنداقتا زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈپ دەلىللەش دېگەن نېمە ؟ بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياپونىيىنىڭ F15تىپلىق ئىككى ئايروپىلانىنىڭ جۇڭگو ئايروپىلانىنى ئەڭ يېقىندىن كۆزىتىش ئارىلىقى 10 مېتىر ئەتراپىدا بولدى دېدى . بۇ يەردىكى ئون مېتىر قانداق ئۇقۇم ؟ئالدى بىلەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى بوشلۇقتا بىخەتەر ئورۇندا تۇرغان شەرت ئاستىدا قارشى تەرەپنىڭ قانداق تىپلىق ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرقلەندۈرىدۇ ،بۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپتىن بەك يىراق بۇلۇپ كېتىشكە بولمايدۇ .بولمىسا خاتالىق كۆرۈلىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىگە تەھدىت يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندە يەنىمۇ يېقىنلىتىپ ئايروپىلاندىكى دۆلەت بايرىقىنىڭ بەلگىسى ئايروپىلاننىڭ تىپ بەلگىسى ،ئايروپىلاننىڭ نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ قانداق تىپتىكى ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى ، نېمە ۋەزىپە بىلەن كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ،بۇلار ئايروپىلاندىكى تېخنىكىلىق جابدۇقلار بىلەن سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق ئىسپات ئېلىش ئۇچقۇچىنىڭ فوتو ئاپپاراتى بىلەن سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ .بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال تەرتىپ ،ياپونىيىنىڭ F15 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ ئېلىمىز ئايروپىلانىغا 10مېتىرچە قالغىچە يېقىنلىشىشى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك ، چۈنكى F15تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قانات ئارىلىقى 10 مېتىرغا يېقىن ،مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھاۋا بوشلۇقىدا قاينام پەيدا بۇلۇش ،ئايروپىلانلار سوقۇلۇپ كېتىشى ،پاچاقلىنىپ ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلۈشى مۇمكىن .بۇنداق ئاقىۋەتنى ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆرگۈسى يوق ،شۇڭا 30مېتىردىن 50 مېتىرغىچە ئارىلىق ساقلاش ئىنتايىن زۆرۈر .
ناھايىتى ئېنىقكى ياپونىيىنىڭ ئاتالمىش جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانى تەھدىت سالدى دېگەن خەۋىرى شىنزۇ ئابى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىتارىزىمنى تىرىلدۈرشىدىكى تاكتىكىسىنىىڭ بىرى ،قورال ئېكسپورت قىلىش ،ئۈچ پرىنسىپنى ئۆزگەرتىش ، ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان قانۇن ئىزاھاتىنى ئۆزگەرتىش ،ياپونىيە ئامېرىكا ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا ياپونىيىنىڭ قوغدىنىش كۈچنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار شىنزۇ ئابىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى بۇلۇپ ،شىنزۇ ئابى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بارلىق تۈزۈلمىلەردىن قۇتۇلۇپ ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەرتىپلەرنى بۇزۇپ تاشلىماقچى ،5-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى بىكار قىلىشنى تۇنجى قېتىم پارلامېنتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى .
باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى قاتناشتى ھەمدە ۋاقىت جەدۋېلى بەلگىلەپ بەردى . ئۇ يىل ئاخىرىدا ياپونىيە ئامېرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىقى كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ياپونىيە ئىچكى كابىنېت يىغىنى ياپونىيە ئاساسىي قانۇن ئىزاھاتىغا تۈزىتىش كەرگۈزۈش قارارىنى ماقۇللاپ ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىمىز دېدى . ئۇ ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ،بۇنىڭدىن بۇرۇن يېرىم سائەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قوغدىنىش 21 قېتىم تىلغا ئالدى ،بۇ ئۇنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر دىنبىر ھەم ئەڭ چوڭ سەۋەبىگە ئايلاندى ، شىنزۇ ئابى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى ئارقىلىقلا ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى ،ئۇنداق بولسا شىنزۇ ئابىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇقمۇ يوق دېگەن مەسىلىگە كەلسەك بۇ ھەقتە نۇرغۇن ياپونىيلىك ئۇنىڭ گېپى پۇت تەرەپتە تۇرالمايدۇ دەيدىكەن .
ياپونىيىنىڭ ھازىر يولغا قۇيۇۋاتقان ئاساسىي قانۇنى ئاساسەن ياپونىيە سىرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئايرىم قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ ،دۈشمەنگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلسا بولىدۇ ،بۇمۇ ياپونىيىنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ،بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ياپونىيە ئۆزى ھېچقانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ياپونىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ ،شۇڭا گەپ ئۆزىنى قوغداشتەك قىلغىنى بىلەن ،ئەمما ياپونىيىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى غەرىزى قوغدىنىش ئەمەس بەلكى ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشتۇر .
بۇنداق بولغاندا ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ ، بۇ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايلا قالماي ئەكسىچە ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى بويىچە ناۋادا سىرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا قايتۇرما ھۇجۇم قىلالايدۇ .يەنى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدۇ ،ئەمما كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى بولسا ئوخشىمايدۇ .ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىمىسىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ چەتئەللەرگە قورال كۈچى ئىشلىتەلەيدۇ .
شىنزۇ ئابىنىڭ ھەقىقى غەرىزىنى چۈشىنىپ يەتكىنى سىياسىيونلار بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن ئاددىي ياپونىيە پۇقرالىرىمۇ بار .28-ماي كەچتە باش ۋەزىر بىناسى نۇرغۇن ئامما يىغىلىپ شىنزۇ ئابىنىڭ قىلمىشىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى ،ئۇلار كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنىڭ پۇقرالارنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ھەمدە شىنزۇ ئابىدىن بۇ خىل خەتەرلىك ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى . ئۇلار ‹ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇرىمىز ،ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالسۇن ›.دەپ شۇئار توۋلىدى .
كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن شىنزۇ ئابى نۇرغۇن باھانە تاپقان بولسىمۇ ،ئەمما بۇ ھەر كۈنى باش ۋەزىر بىناسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ئاممىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپلۈكى ئۇلارنىڭ يەنىلا شىنزۇ ئابىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ .،چۈنكى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشقا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved