ئەنگلىيە BBCتور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تولغىما مۇزىكا ئەترىتى «بۈركۈت مۇزىكا ئەترىتى»نىڭ ئاساسلىق ناخشىچىلىرىنىڭ برى گلېن فرېي (Glenn Frey) شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى نيۇيوركتا 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
بۈركۈت مۇزىكا ئەترىتى تارىختا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ بىرى، گلېن فرېي بۈركۈت مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 6 قېتىم گراممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 5 قېتىم ئامېرىك مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گلېن فرېي رېماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى، بوغماق ئۈچەي ۋە ئۆپكە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان يىغىندى كېسەللىك سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەن.
بۈركۈت مۇزىكا ئەترىتى 1971-يىلى قۇرۇلغان، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ بىرى، «كالفورنىيە مېھمانخانىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق ناخشىلارنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved