نيۇيورك مانخاتتوندا توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنىڭ سانى ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئېشىپ كەتتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:

توكلۇق ئاپتوموبىل يېڭى بازارغا چىققان چاغدا، دەسلەپكى ئابۇنتلار ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس دەپ ئاغرىنغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مەھسۇلاتنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نيۇيورك مانخاتتوندا توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنىڭ سانى ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئېشىپ كەتتى.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مانخاتتوندىكى توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنىڭ سانىنى 105كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان، ماي قاچىلاش پونكىتى بولسا پەقەت 40، يۇقىرى پەللە ۋاقتىدا 40 مىنۇت ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەپتىگىچە مانخاتتوندا 68 ماشىنا ئامبىرىدا تېسلانىڭ توك قاچىلاش تۈۋرۈكى سەپلەنگەن، شۇڭا بۇ يەردىكى توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنىڭ سانى ئاللىقاچان ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئېشىپ كەتتى. بىراق، ھازىرغا قەدەر كۆپ ساندىكى توك قاچىلاش تۈۋرۈكلىرى مېھمانخانا قاتارلىق جايلارغا ئورنىتىلغان، شۇڭا مەزكۇر شىركەت ئاكتىپلىق بىلەن ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توك قاچىلاش تۈۋرۈكى ئورنىتىش قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تېسلا شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەرزان باھادىكى Model 3 توك ئاپتوموبىلىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا، بۇ تەدبىر دەل پەيتىگە كەلدى دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمما كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، يېڭى ئورنىتىلغان بۇ توك قاچىلاش تۈۋرۈكلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتىكى توك قاچىلاش تۈۋرۈكلىرى ئەمەس. توك قاچىلاش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا، ھەر 1 سائەت توك قاچىلىغاندا تەخمىنەن 97 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. ئەمما كۆپ قىسىم توك قاچىلاش تۈۋرۈكى تېسلا ئابۇنتلىرىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek