ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ناشتىلىقىنى تېتىغان ۋىدىيوسى توردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولغان.11-فېۋرال بۇ ۋىدىيو توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭ قويۇلۇش قېتىم سانى مىليوندىن ئاشقان.
ۋىدىيودا بۇ بالىلار ئايرىم ھالدا كورىيە، بىرازىلىيە، فىنلاندىيە، ۋىيېتنام، پولشا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقىنى تېتىغان. بالىلارنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغان.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ بالىلار پولشانىڭ تۇخۇمى قاتارلىق ناشتىلىقلارنى بەكرەك ياقتۇرغان، گوللاندىيەنىڭ شاكىلاتى بولسا بالىلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن بەزى بالىلار ئىنتايىن ئاڭلىق ھالدا: ‹‹ئاپام ناشتىلىققا شاكىلات يېمەسلىكىمنى ئېيتقان، بۇنداق ناشتىلىق ‹ساغلام ئەمەس››› دېيىشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved