شىجىنپىڭ مالايسىيە ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق كۆرسەتتى. : « جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ۋە جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ ھادىسىدىن كېيىنكى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.» جۇڭگۇ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە جۇڭگۇنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق كۆرسەتتى. ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ۋە جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ ھادىسىدىن كېيىنكى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قاتناش، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى ھەم بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
(مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved