بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بارىدىغانلار قىش كىرگەندىن بۇيان ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى . جايلاردىكى قار-مۇز تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى تەدرىجىي ھالدا كۆرۈنەرلىك بولدى .
مۇخبىرنىڭ كۆپلىگەن قار تېيىلىش مەيدانى ، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا قار-مۇز تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتنىشىدىغانلار تەدرىجىي كۆپەيگەن .
كۆپ يىللىق قۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش نەتىجىسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار-مۇز ساياھىتى تەدرىجىي گۈللىنىشكە باشلىدى ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ، ئالتاي ، ئىلى ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا قار-مۇز تېيىلىشتىن ھۇزۇرلىنىش يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئۆزىگە خاس جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە يەرلىك قار-مۇز ساياھىتى ماركىسى يارىتىلدى . 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ ، قار-مۇز ساياھىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقىسى بولۇپ قالغۇسى
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved