تۈركىيەدە چىقىدىغان ئەركىنلىك گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 8-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: كوردا ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ بىر توپ قوراللىق خادىملىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى مۇش ئۆلكىسىدە تۈركىيەلىك 10 بالىنى تۇتقۇن قىلغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كوردا ئىشىچلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، ئۇلارنى قورال تاشلاش ۋە تۈركىيەدىن چېكىنىشكە دەۋەت قىلغان. ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا، كوردا ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
كوردا ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە سۈرىيە چېگرىلىشىپ تۇرىدىغان كوردلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا قوراللىق كۈچ ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرماقچى بولغان، بۇ تەشكىلات تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوراللىق خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، بىراق دائىم تۈركىيەگە كىرىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved