چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەدە ئۆكتەبىردىن باشلاپ، پۇلبەرگۈ ئالدىدا باش كىيىمى كىيىپ، كۆزەينەك تاقاپ پۇل ئېلىشقا بولمايدىكەن. كورېيە مالىيە نازارەت مەھكىمىسى 17-ئاۋغۇست ‹‹ مالىيە ئالدامچىلىقىنى يىلتىزىدىن بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى ››نى ئېلان قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىش، ئازدۇرۇش، پۇل يۆتكەش، ئەھۋالدىن كېيىن ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق بەش تەرەپتىن ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان. ۋاكالىتەن پۇل ئېلىش باسقۇچىدا، مالىيە نازارەت مەھكىمىسى پۇل ئالغۇچىنىڭ باش كىيىم كىيىپ، كۆزەينەك، ماسكا تاقاپ تۇرۇپ چىرايىنى كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا پۇلبەرگۈدىن پۇل ئېلىشىنى چەكلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved