ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ 9-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن : ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «تىغ قوغداش ھەرىكىتى (چېگرانى قوغداش)» پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى ( خاماس ) ۋە ئۇنىڭ غەززە رايونىدىكى قوراللىق كۈچلىرىگە داۋاملىق زەربە بېرىدۇ، خاماس ئىسرائىلىيەگە ئاتقان نەچچە يۈز راكېتا بومبىسى ئۈچۈن « ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ».


9-ئىيۇل، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «تىغ قوغداش ھەرىكىتى (چېگرانى قوغداش)» 2-كۈنىگە قەدەم قويدى. نېتانياخۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يائالون، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گەنزى بىرشېۋا شەھىرىدە بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىپ، بايانات ئېلان قىلغان. يىغىندا نېتانياخۇ يەنە مۇنداق دېگەن : ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق جەڭ ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ بولدى. ئانالىزچىلار : بۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ، دەپ قارىغان. يائالون شۇ كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك زەربە بېرىشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ : 8-ئىيۇل سەھەردىن 9–ئىيۇلغىچە، 300 دىن ئارتۇق راكېتا بومبا غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيە چېگرىسىغا ئېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 53 ى «تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش سىستېمىسى تەرىپىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا توسۇۋېلىندى. ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر خەيفا ئەتراپىدىكى غەززە رايونىغا تەخمىنەن 120 كىلومېتىر كېلىدىغان رايون ئېغىر دەرىجىدە راكېتا بومبىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى. بۇ، خاماسنىڭ ھازىرغا ئەڭ يىراق ئارىلىقتىن قوزغىغان بىر قېتىملىق راكېتا بومبا ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.


بۇنىڭدىن باشقا، خاماس 9–ئىيۇل يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرىگە بىر نەچچە راكېتا بومبا ئاتقان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىمونا شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو رېئاكسىيە قازىنى بار بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ، بۇ رايوننىڭ تۇنجى قېتىم راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ئىكەن.


ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8–ئىيۇلدىن 9–ئىيۇلغىچە بولغان ھەرىكىتىدە، غەززە رايونىدىكى تەخمىنەن 600 گە يېقىن نىشانغا زەربە بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 9–ئىيۇل كەچتىلا 100 دىن ئارتۇق نىشاننى ۋەيران قىلغان، بۇلار ئاساسلىقى خاماسنىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئورنى، قورال ئەتكەسچىلىكى ئېلىپ بارىدىغان تونېل ۋە راكېتا بومبا قويۇپ بېرىش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇمىدا 40 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلغان.


پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس رامئاللاھتا جىددى يىغىن ئېچىپ : ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىن زېمىنىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق، شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق، دېگەن.



خەتكۈچلەر:
11-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek