ئىشتىھاسىزلىق ئون ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ئومۇمەن ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى مىكرو ئېلېمىنتلارنىڭ كەم بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش لازىم :
1. بالىلارنىڭ تۇرمۇشى رېتىملىق بولۇشى، ھەر كۈنى ۋاقتىدا تاماق يېيىشى شۇنداقلا تاماقنى باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە يېيىشى لازىم .
2.بالىلارغا گۆش ۋە كۆكتات ئارلاشقان تاماق بەرگەندە، ئۇلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
3.بالىلار تاماقنى خوشال-خورام ۋە تېنىچ مۇھىتتا يېيىشى، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ئالداش، قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىماسلىقى، تاماق ۋاقتىدا ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تىللىماسلىقى، ئۇرماسلىقى لازىم، چۈنكى ئۇلار قانچە جىددىيلەشسە تاماقنى شۇنچە ئاز يەيدۇ .
4.تاماقنى بالا چارچىغاندا ئەمەس، بەلكى قورسىقى ئاچقاندا بېرىش لازىم .
5.بالا تاماقنى ياخشى يىگەندە مۇۋاپىق ماختاپ قويۇش كېرەك، تاماق يىمەي تۇرۇۋالغاندا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى بالىلار تاماق يىمەي تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق چوڭلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىماقچى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلار خاپا بولغاندا ياكى خەتەرلىك تۇيغۇدا بولغاندا شۇنداق قىلىدۇ .
6.تاماق تۈرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش لازىم، بولۇپمۇ تاماقنىڭ تەمىگە ئېتىبار بېرىش، بالا گۆش يېيىشنى خالىمىسا، جۇۋاۋا ياكى چۆچۈرە قىلىپ بېرىش، بېلىق يىمىسە بېلىق كۇمۇلىچى قىلىپ بېرىش لازىم .
7. بالا ئۇسساپ كەتسە تاماقنى ئاز يەيدۇ . بىراق تاماق يىيىشتىن ئاۋۋال ئىچىملىك بىلەن قورسىقىنى تويدۇرىۋېلىشىغا يول قويماسلىق لازىم.
8.بالىلارغا خۇرۇچى كۆپ ۋە تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ بەرمەسلىك لازىم . تاتلىق-تۇرۈملەرنى ئامال بار ئاز بېرىش ، ساغلام بالىلارغا ئادەتتە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يىمەكلىكلىرىنى بەرمەسلىك لازىم .
9.مىكرو ئېلېمېنتلار كەم بولۇشتىن ئىشتىھاسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى دورا بېرىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يىمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش لازىم .
10.بالا ئاغرىپ قالغاندا ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز -ئاز مىقتاردا كۆپ قېتىم بېرىش كېرەك . مەسىلەن تاماق يېيىشنى خالىمىغاندا زورلىماي بىردەم تۇرغۇزۇپ ئاندىن بېرىش ، ئىچى سۈرۈپ ياكى قىززىپ قالغاندا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش لازىم.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved