Windows نىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر

1985-يىلى، تۇنجى Windows ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغاقەدەر 27 يىللىق تارىخىنى بېسىپ بولدى.

1985-يىلى، Window 1.0 دۇنياغا كەلگەن، بۇ MS-DOS نى يادرو قىلغان ھەم گىئومېتىرىيە شەكىللىك مەشغۇلات يۈزى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا MS-DOS كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالغان.

1987-يىلى، Windows 2.0 دۇنياغا كەلگەن. Word ۋە Excel ئەڭ دەسلەپكى مۇشۇ نەشردىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كەلگەن. چۈنكى بۇ نەشردە مىكروسوفت ۋە ئالما شىركىتى تۇنجى مەيدان دەۋالاشقان. ئالما شىركىتى مىكروسوفتنى Macintosh ۋە Lisa دىكى قىسمەن ئامىللارنى ئوغرىلىغان دەپ ئەرز قىلغان، ئەمما ئالما شىركىتى بۇ مەيدان دەۋادائۇتتۇرۇپ قويغان.

1990-يىلى، Windows 3.0 دۇنياغا كەلگەن، بۇ نەشردىن باشلاپسىنبەلگە شەكلىدە MS-DOS يۇشۇرۇلغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۇنجى مودا بولۇپ قالغان Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر.

1991-يىلى، Windows 3.1 دۇنياغا كەلگەن، بۇ نەشرى90-يىللاردىكى IBM كومپيۇتېر دەۋردىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالغان. بۇ نەشرىمۇ ئەڭ ئاخىرىقى ھەقىقىي مەنىدىكى MS-DOS غا ئوخشايدىغان كومپيۇتېر بولۇپ قالغان.

1995-يىلى، Windows 95 كۈچلۈك زىلزىلە بىلەن دۇنياغاكەلدى. بۇ نەشردە بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمايدىغان ئۆزگىرىشلەربولغان. بۇ نەشردىن باشلاپ ئۈستەل يۈزى، سىنبەلگە، IE، سېۋەت (“垃圾箱”或者“回收站” ئاتالغۇسى Windows 8 نىڭ تەرجىمىسىدە سېۋەت دەپ ئېلىنغان بولغاچقا، بۇ يەردىمۇ مۇشۇ ئاتالغۇ ئىشلىتىلدى.) قاتارلىق ئۇقۇملار مەيدانغا كەلدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ ئۇقۇملاردا ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

1998-يىلى، Windows 98 دۇنياغا كەلگەن. بۇ نەشرى 95نەشرىگە قارىغاندا، پەقەت بەزىبىر يېڭى ئىقتىدارلىرى قېتىلغاندىن سىرت چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.
2000-يىلى، Windows ME دۇنياغا كەلگەن. ME بولسا Millennium (مىڭ يىل) Edition نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۈمىدنى XP گە باغلىغان بولغانلىقتىن بۇ نەشرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان.
2001-يىلى، Windows XP دۇنياغا كەلگەن. بۇ قېتىملىقلايىھە ئۆتمۈشتىكى 6 يىللىق Windows نىڭ پۈتكۈل ئارايۈز ئۇسلۇبىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. بۇ كىشىگەناھايىتى راھەت تۇيغۇ بەرگەن ( شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر تاھازىرغىچە بۇ نەشردىن ۋاز كېچىشكە قىيالماي كەلمەكتە)


2006-يىلى، Windows Vista دۇنياغا كەلگەن، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان (يەنى، مىكروسوفتنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولساكېرەك) ئەمما يېرىم سۈزۈك بولغان ئارايۈز يەنىلا قالتىس بولغان.
2009-يىلى، Windows 7 دۇنياغا كەلگەن، بۇ نەشرى Vista نىڭ ئاساسىدا ئەلالاشتۇرۇلغان. ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن سىستېما زور دەرىجىدە تۇراقلاشقان.
2012-يىلى، Windows 8 دۇنياغا كەلگەن.


بۇ نەشرى قوللىنىشچانلىق (قوللىنىشچان سىستېمىلىرى) جەھەتتە يەنە بىر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىشتا زىلزىلە قوزغىغان نەشرىدۇر.
2013-يىلى Windows 8نىڭ تولۇقلانغان نەشىرى Windows 8.1 دۇنياغا كەلگەن.
كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى


مىكروسوفت Windows 8.1 نى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى يېقىندا ئاشكارىلاندى .ئىگلىنىشچە يېڭى سېستىمىنىڭ ۋاكالەت ئىسمى Threshold بولۇپ ، Windows、Windows Phone ۋە Xbox One نى بىرلەشتۈرمەكچى .
ئىگلىنىشچەمىكروسوفتنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Terry Myerson مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى بىر پارچە ئىچكى پوچتا يوللانمىسىدا Threshold دېگەن ۋاكالەت ئىسمىنى تىلغا ئالغان ، ئىگلىنىشچە بۇ بىر يۇلتۇزنىڭ ئسمىدىن كەلگەن .
پىلانغا ئاساسلانغاندا ، Windows、Windows Phone ۋە Xbox One نى بىرلەشتۈرۈلۈپ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكچى ، بۇنىڭ بۇ ئۈچ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ھەمبەھرلىشىگە ياردىمى بار . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىكروسوفت كۆپ خىل سېستىمىغابىرلىككە كەلگەن بىر دېتال دۇكىنى قۇرۇپ ، بۇ ئۈچ چوڭ سېستىمىنىڭ ئېچىش قورالىنى تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە قىلماقچى ، ئەگەر تەتقىقات ئوڭۇشلۇق بولسا 2015-يىلىباھاردا سىرتقا قارىتا ئېلان قىلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئاياللىرىغا جىددىي ئەھۋالدا جىددىي تېلفون قىلىش ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېڭى قانۇن لايىھەسى تارقىتىپ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى...
27-04-2016
بۇلتۇر يىل بېشىدا، موتورولا (Moto) جۇڭگو بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى (مەھسۇلاتى) Moto X نى ئېلان قىلغانىدى، ھەممەيلەنگە مەلۇم، Moto ماركىسىدىكى يانفونلار سىرتقى شەكلىنىڭ لايىھەسى ۋە يانفون يۈزىنىڭ ئادەمگە بېرى...
27-04-2016
    27-ئاپرېل سەھەر سائەت 2:00 دە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتلىك بوشلۇق پېنى مەركىزى خەينەن ئۆلكىسى دەنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەينەن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە «سۇمۇرغ-1B» بوشلۇق مۇھىت...
27-04-2016
    ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا سونىي شىركىتى يىقىن كەلگۈسىدە ئېلان قىلىدىغان يېڭى يانفونغا قوش كامېرا ئورنىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى خەۋەر بۇ ئۇچۇرنىڭ قىسمەن دەرىجىدە راست ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. تورداشلارنىڭ ئ...
27-04-2016
ئالدىنقى كۈنلەردە، «بىر پىلوس» (يىجىيا) يانفون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى تارقىتىپ، «بىر پىلوس 3» نىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يانفوننى كۈتۈشكە ئەرزىيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە سەپلىمىسىنى...
27-04-2016
    نۆۋەتتە ئاپتوماتىك ھەيدەش ماشىنىسى بىخەتەرلىكى، ۋەقە ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق تەرەپلەر يەنىلا نىسبەتەن قىيىن، كىم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ قانۇن تۈزۈپ مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، گۇگېل فورد، ۋولۋو...
26-04-2016
    بۈگۈنگىچە بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئۇبۇنتۇ يانفونى-مېيزۇ PRO 5 ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 3:00 دە جىڭدۇڭدا رەسمىي سېتىشنى قوزغاتتى، باھاسى 369.99 دوللار\2390.14 يۈەن. مېيزۇ PRO 5 ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى بۇ يىل MW...
26-04-2016
    HTC يېقىندا يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار ئەقلىيفون HTC 10 نى چىقاردى، لېكىن ئۈن-تىنسىز ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇقتا بىر نۇسخا «تۆۋەن سەپلىمىلىك نۇسخا» نى تۇنجى ئېلان قىلىپ، كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن سىرت...
26-04-2016
   شىياۋمى بۈگۈن شياۋمى 5 ئەزىز نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، باھاسى 2599 يۈەن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە شىياۋمى تورىدا سېتىلىدۇ. تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ نۇسخىنى ئىلگىرىكى نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى ...
26-04-2016
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خىرىستىئان دىنى ئىلمىي پەند-نەسىھەتلەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوۋىن تارماق مەكتىپىدىكى ئالىملار تاسادىبىي ھالدا باتارىيەگە نەچچە 100 مىڭ قېتىم ت...
Powered by Leglek