خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بىر تەرپتىن ئىشلىگەچ ,كىنو كۆرگەچ ياكى پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ۋە ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ .گەرچە ئۇزۇندىن بېرى توردا گېزىت ژورناللاردا ۋە تېلۋىزوردا بۇ خىل ناچار تۇرمۇش ئادىتىنىڭ زىيىنى نەچچە قېتىملاپ تەكرار ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ ,بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشنى خالىمايدۇ .ھازىرقى دەۋردە خانىم قىزلىرىمىز گۈزەللىك قوغلىشىپ ئۇرۇ بۇلۇشنى خالايدۇ ,ھەمدە ھەر خىل ئۇرۇقلاش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ سىناپ باقىدۇ , نەتىجىدە يەنىلا مەغلۇب بولىدۇ .
چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بەزى ناتوغرا ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە سەل قارىغان . ئۇنداقتا سىز ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندىمۇ چۇقۇم تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى خالىغانچە ئىستىمال قىلىسا ئۇرۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئەمەس ئەكىسچە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ?ئامېرىكا، كورىيە، كارتون فىلملىرى كۆرگەن چاغلاردا، ھەمىشە ئۇششاق يېمەكلىكلەر بىزگە ھەمراھ بولىدۇ، بىراق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك، چۈنكى بەزى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كىشىنى ناھايىتى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.
1. قۇتىلىق مېۋە شەربىتى
ھەر قۇتىسى ml500، ئىسسىقلىق مىقدارى 255 كىلوكالورىيە بولۇپ، بىر قاچا ئاق گاڭپەنگەن باراۋەر. مېۋە-چېۋە، كۆكتات تەركىبىدە مول ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىستېمال قىلىشقا ئېرىنىمىز. مېۋە-چېۋىنىڭ ئورنىغا مېۋە شەربىتى ئىستېمال قىلغاندا، يېتەرلىك مېنىرال ماددا ۋە ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى مېۋە-چېۋىلەرنى مېۋە شەربىتى ياساش جەريانىدا، كۆپلىگەن مېنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار ئېقىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشىپ قالغان ۋىتامىن C مۇ نۇر چۈشۈش تەسىرىدىن ئازلاپ كېتىدۇ، ئەگەر قۇتىلىق مېۋە شەربىتىنىڭ ئۈستىدىكى بەلگىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، كۆپ قىسىم مېۋە شەربىتىنىڭ قويۇلدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، يەنە كۆپلەپ قەنت قوشۇلغانلىقىنى بايقايمىز. شۇڭا ئەگەر ھەر كۈنى مېۋە-چېۋىنىڭ ئورنىغا مېۋە شەربىتى ئىستېمال قىلغاندا، مېۋە شەربىتىدىكى يۇقىرى قەنت مىقدارى بىر يىل ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى 12 كىلوگرام ئاشۇرۋېتىدۇ.
2. ئادەتتىكى كولا
بىر ئستاكان ml375 كولانىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 168 كىلوكالورىيە
كولا كۆپچىلىك دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، ھامبۇرۇگ بولكىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى يېگەندە قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، يىغىلىشلاردىمۇ، ھەتتا ئۆيدە تورغا چىققاندىمۇ كولا ئىچىشنى ئۇنۇتمايمىز، گەرچە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلمىسىمۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر كۈندە بىر ئىستاكان كولا ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغان. چۈنكى، كولا تەركىبىدىكى كوفىئىن ۋە ئالاھىدە رېتسىپلار كىشىنى خۇمار قىلىپ قىلىپ قويىدۇ؛
ئەگەر سىز كۈندە كولا ئىچىشنى ئادەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئارتۇق ئىسسىقلىق مىقدارىنى خورىتىڭ، چۈنكى كۈندە بىر ئىستاكان كولا ئىچكەندە، بىر يىلدا 8 كىلوگرام سەمرىتىۋېتىدۇ؛ تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇقى، كولا كىشىگە تويۇش تۇيغۇسى بەرمەيلا قالماستىن يەنە، تېخىمۇ كۆپلىگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئۈندەيدۇ، پەقەتلا كولا ئەمەس، باشقا گازلىق ئىچىملىكلەرنىمۇ ئاز ئىچكەن ياخشى.
3. پىۋا
بىر بوتۇلكا پىۋا ml 600 پىۋا تەركىبىدە 250 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار بولۇپ، كەچلىك تاماقتا 3 بوتۇلكا پىۋا ئىچكەنلىك بىر ۋاق تاماقنى ئارتۇق يىگەن بىلەن باراۋەر.
كۈندە بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچكەندە، بىر يىلدا 7 كىلوگرا سەمرىتىېتىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىل پىۋا ئىچكەندە قورساقنى چىقىرىۋېتىدۇ، پىۋا تەركىبىدە ئىسسىقلىقتىن باشقا، ھېچقاندا ئوزۇقلۇق ماددا يوق بولۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا سالامەتلىككە ھېچقانداق ياردىمى يوق.
4. شاكىلات تەملىك پىرەنىك
6 تال شاكىلات تەملىك پىرەنىك تەركىبىدە 302 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار بولۇپ، بىر قاچا تاماقتىكى ئىسسىقلىق مىقدارىدىنمۇ كۆپ.
شاكىلات تەملىك پىرەنىك كۆپلىگەن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت ۋە ياغ بار. ئەگەر ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن، شاكىلات تەملىك پىرەنىك ئىستېمال قىلغاندا، يېرىم يىلغا قالمايلا 7 كىلوگرا سەمرىتىۋېتىدۇ.
5. تەييار چۆپ
بىر خالتا تەييار چۆپ تەركىبىدە 470 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار بولۇپ، ئىككى قاچا تاماقتىكى ئىسسىقلىق مىقدارىغا باراۋەر.
كۆپلىگەن كىشىلەر تاماق ئېتىشكە ئىرىنىپ، تەييار چۆپ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن؛ تەييار چۆپنىڭ ھېچقانداق ئوزۇقلۇق تەركىبى بولۇپلا قالماي يەنە، جىگەرگە زىيانلىق چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى تەركىبلەر ۋە مۇئەتتەر بار.
تەييار چۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئاۋۋال، قازانغا سېلىپ قاينىتىپ، قاينىغان سۇنى تۆكىۋەتكەندىن كېيىن، قايناقسۇ قۇيۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ، بىراق ئاز ئىستېمال قىلغان.
سېمىزلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن %10-%20 ئېشىپ كەتكەندە، ھېچقانچە بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن %30 زىيادە ئېشىپ كەتكەندە، بىر قىسىم كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرىدىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئىككى پۇتى ئېغىرلىشىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا دېمى يېتىشمەيدۇ، ئەمگەكتە ئاسان چارچايدۇ، ئالدىغا ئىگىلشتە قىينىلىدۇ، ئىسسىققا چىدىمايدۇ ۋە كۆپ تەرلەيدۇ قاتارلىقلار؛ بېسىم چۈشكەن بوغۇملار تېلىپ ئاغرىيدۇ، ئاسانلا رېگرېسسىيىلىك ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ، ئومۇرتقا ئۇزۇن مەزگىل زىيادە بېسىم ئاستىدا تۇرۇپ، ئۆسۈشچان ئومۇرتقا بوغۇم ياللۇغى كۆرۈلۈشى بىلەن، بەل ۋە پۇتىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن؛ كۆپ تەرلىگەنلىكتىن، تېرىلىرى پۈرۈلگەن ئورۇن زىدە، تېرە ياللۇغى ۋە تەمرەتكە بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە قەۋزىيەت، جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىشى، ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى قالايمىقانلاشقانلىقتىن، بىر قىسىم بىمارلاردا ئىششىق كۆرۈلۈشى، بۇ بەلكىم يەنە ماي زىيادە ياكى ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن، پۇتتىكى قان ئايلىنىش ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.جىگەر بەدەندىكى ماي مېتابولىزمىنىڭ مۇھىم سورۇنى.
ئەگەر ياغلار ئۇزۇن مەزگىل جىگەر ئىچىدە يىغىلىپ قالسا، ھەمدە ياغ مىقدارى تەدرىجى ئېشىپ بارسا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، جىگەر ئىقتىدارىنى بىنورمال قىلىپ قويىدۇ، ياكى ياغسىمان جىگەر تالالىشىش ۋە جىگەر قېتىشىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپىرتسىز ياغسىمان جىگەر كېسىلى (NASH) بولسا ئىرسىيەت- مۇھىت- مېتابولىزمىنىڭ سېزىمچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل بولۇپ، كونكرېت پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. سېمىزلىك بولسا NASH كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئامىلى ھېساپلىنىدۇ. ئىنسۇلىن قارشلىقى ۋە ئىرسىيەت تەسىرلىنىشچانلىقى NASH كېسىلى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ. سېمىزلەردىكى NASH كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى ئەركىن ماي كىسلاتالىرىنىڭ جىگەرگە يىغىلىپ، جىگەرنىڭ ئوكسىدلىنىپ زەخىملىنىشى ۋە ئىنسۇلىن قارشلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەرنى ياغ قاپلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سېمىزلىك ئاسانلا ياغلىق جىگەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياغلىق جىگەر بولسا سېمىزلىك تەرەققىيات دەۋرىنىڭ ئىپادىسى بولالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئەخلەت يېمەكلىكلەرمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ،سەمىرىپ كېتىشتىن سىرىت يەنە بۇ ئەخلەت يېمەكلىكنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىستىمال قىلىپ كىلىۋاتقان يېمەكلىك ساھەسى ئىچىدىكى 9 چوڭ ئەخلەت يىمەكلىك.
1. مايدا پىشۇرغان يىمەكلىك. بۇ خىل يىمەكلىكنىڭ ئىنىرگىيە قۇۋىتى، ماي تەركىبى ۋە ئوكسىدلىنىش تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلۇپ، بۇ خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا ئاسان سەمىرىپ كىتىدىكەن، ھەم قاندىكى ياغ كۆپىيىش كىسىلى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك يىمەكلىك ئىكەن. مايدا قورۇپ پىشۇرۇش جەريانىدا، راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مادىلار پەيدا بۇلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق دائىم مايدا قورىغان يىمەكلىكىنى ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى دائىم ئىستىمال قىلمايدىغان كىشىلەردىن يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
2. كونسېرۋالىق تۈرىدىكى يىمەكلىك. مەيلى مېۋە كونسېرۋاسى بولسۇن ياكى گۆش تۈرىدىكى كونسېرۋالىق يىمەكلىك بولسۇن، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ئىلمىنىتلار ئەڭ چوڭ دەرجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. بۇلۇپمۇ تەركىبىدىكى ھەر خىل ۋىتامىن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبى بۇزۇلۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىل ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلغان ۋاقىتتا بەدەنگە سۈمۈرلىشى تۆۋەن بۇلۇش بىلەن بىرگە يىگەندىن كېيىن قان شىكىرىنى ناھايتى يۇقىرى دەرجىدە ئۆرلىتىۋىتىدىكەن. ھەم ئاسان سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەيارلانغان يىمەكلىك. بۇنداق يىمەكلىكنى تەييارلاش ئۈچۈن نۇرغۇن تۇز قۇيۇش لازىم بۇلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يىمەكلىكنىڭ ناتىرىي تۇز مىقتارى ئېشىپ كىتىدىكەن. بۇنداق يىمەكلكنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنىڭ ئېشىپ كىتىش خەتىرى ئېشىپ كىتىدىكەن.
4. پىشىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك. بۇ خىل يېمەكلىك تەركىبىدە مەلۇم مىقتاردا نىتىرىتلار بۇلۇپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋىپ ئېلىپ كەلگۈچىسى ھېساپلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا پىشىقلىنىپ ئىشلەنگەن بۇ خىل گۆشكە ھەر خىل ماددىلار قېتىلدىغانلىقى ئۈچۈن، جىگەر بىلەن يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدىكەن.
5. سېمىز گۆش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزا تۈرىدىكى يىمەكلىك. بۇنداق يىمەكلىكتە گەرچە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن، مىنېرال مادىلار بار بولسىمۇ لېكىن بۇ خىل يىمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا ئاقسل ۋە خولېستېرىن قاتارلىق مادىلار بار بۇلۇپ، يۈرەك كىسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بۇلىدىكەن.
6.قايماقلىق يېمەكلىك. دائىم قايماقلىق يېمەكلىكنى يىگەندە سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ھەتتا قان شىكىرى بىلەن قاندىكى ماينىڭ ئېشىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بۇلىدىكەن. تاماقتىن بۇرۇن تورت ئىستىمال قىلسا ئىشتاھاسىنى تۇتۇپ قۇيىدىكەن.
7. تەييار چۆپ. بۇ خىل يېمەكلىك يۇقىرى قەنىتلىك، ماي تەركىبى يۇقىرى، ۋىتامىن مىقتارى تۆۋەن، مېنىرال مادىلار تۆۋەن بولغان يېمەكلىك ھېساپلىنىدىكەن.
8. قاقلاپ پۇشۇرغان يېمەكلىك. راك كېسىلىنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
9. توڭلۇتۇلغان تاتلىق يېمەكلىك. مارۇژنا قاتارلىق يېمەكلىكلەر. بۇ خىل يېمەكلىكتە ئۈچ خىل مەسىلە بار بۇلۇپ، قايماق تەركىبى مول بۇلغاچقا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىككىنچى مەسىلە بولسا شىكەر ماددىسى مول بۇلۇپ ئىشتىھانى تۇتۇپ قۇيۇدىكەن. ئۈچۈنچى خىل مەسىلە بولسا توڭلۇتۇلغان بولغاچقا ئاسانلا ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved