بىر ئايال تالاغا قاراپ، ئۈچ ئەردىن ئۈچكېزەك بوۋاق يەڭگىدى

      ئۈچ كېزەكنىڭ ئاتىسى ئوخشىمىغان ئۈچ ئەر بولۇپ چىقتى. جاڭ ئەپەندىنىڭ ئايالى ئۈچ كېزەك تۇغقان، بۇ ئەسلىدە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش، لېكىن جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئالاھىدىلىكى پەقەتلا ئۆزىگە ئوخشىمىغان، شۇنىڭ بىلەن جاڭ ئەپەندى ئۈچ ئوغلى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋەتنى باھالاتقان. نەتىجىدە ئۈچ كېزەكنىڭ ئاتىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ ئادەم، لېكىن ئانىسى بىر بولۇپ چىققان.

     ئەمدىلا ئاتا بولغان جاڭ ئەپەندى كىچىك ئوغلىنىڭ بۇرنىنىڭ ئالاھىدە ياپىلاق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن ئۆزى بىلەن ئايالىنىڭ بۇرنى قاڭشارلىق ئىكەن. جاڭ ئەپەندى ئۈچ ئوغلىغا قارىغانسېرى كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولۇپ، ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قانداشلىق مۇناسىۋەتنى باھالاتقان. ئۇ ئىزچىل كۆڭلىدە باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇق ئويلىۋالغان بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، جاڭ ئەپەندىم مىليوندا بىر قېتىم مۇمكىنچىلىك ئېھتىمالى بولغان ئىشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۈچ كېزەكنىڭ ئاتىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ ئادەم ئىكەن، جاڭ ئەپەندىم دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك ھېس قىلىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان.

      ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئانىنىڭ بەدىنى بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئۈچ دانە ئانىلىق تۇخۇمى ئىشلەپ چىقارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ بالىنىڭ ھەممىسى بىر ئانىدىن بولغان، پەقەت ئىككىنچى ئوغۇل جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆز بالىسى، قالغان ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئەرگە تەۋە ئىكەن.

       دوختۇر جاڭ ئەپەندىگە تەسەللى بېرىپ «بۇ خىل ئەھۋالنى ئاممىۋى سورۇنلاردىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېگەن، لېكىن جاڭ ئەپەندىنىڭ قىستاپ سوراق قىلىشى ئاستىدا، ئايالى يەنىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى دېگەن. ئەسلىدە جاڭ ئەپەندى يىل بويى كاماندىروپكىغا چىقىدىكەن، ياش ھەم چىرايلىق خوتۇنى دائىم تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ ئىش يۈز بەرگەن.

     ئۈچ كېزەكنىڭ ئۈچ ئاتىسى بولۇشى، زادى قانداق گەپ ؟

       قوشكېزەك ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، تۇخۇمداش قوشكېزەك ۋە ئايرىم-ئايرىم تۇخۇمدىن بولغان قوشكېزەك، ئالدىنقىسى بىر دانە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بۆلۈنۈشىدىن شەكىللەنگەن، كېيىنكىسىدە بولسا بىر ۋاقىتتا ھاسىل بولغان ئىككى تال تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلىنىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بولۇپ شەكىللەنگەن. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللار ئادەتتە بىر ئاي ئىچىدە پەقەت بىر تال ئانىلىق تۇخۇم چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىم-ئايرىم تۇخۇمدىن بولغان قوشكېزەك بولمايدۇ. لېكىن بەزى ئاياللار بىر ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئانىلىق تۇخۇم چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىم-ئايرىم تۇخۇمدىن بولغان كۆپ كېزەك تۇغۇش ئىمكانىيىتى چوڭ بولىدۇ.

      ئىسپېرمىنىڭ ياشاش مۇددىتى 72 سائەت، ئانىلىق تۇخۇمنىڭ بەدەن ئىچىدە ساقلىنىش مۇددىتى 48 سائەت. ئەگەر ئاياللار تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينى 72 سائەت ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولسا، ھەم بۇ چاغدا ئۈچ دانە ئانىلىق تۇخۇمى چىقارسا، ئانىلىق تۇخۇم ئىلگىرى-كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئىسپېرما بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلىنىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆز ئانىسى بىر، ئاتىسى ئوخشاش بولمىغان ئۈچكېزەك بارلىققا كېلىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى پەقەت مىليوندا بىر قېتىم.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«پىروبىركىدا بوۋاق تۆرەلدۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغاندا، نۇرغۇن تۆرەلمىنى بالىياتقۇغا كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوشكېزەك يېتىشتۈرۈلىدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، چوقۇم قوشكېزەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇلار بەلكىم يەككە بوۋاق ياكى كۆپ كېزەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تۇخۇم بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرىلەتكۈچى دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئانىلىق تۇخۇمىنى بۆلگەندە، قوشكېزەك بولۇش ئېھتىمالى بار، لېكىن خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەشكېزەك، ھەتتا يەتتەكېزەككە ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ، ھامىلىنىڭ ھايات قېلىشى ئامالسىز بولۇپ قالغاندەك دېلو مىسالى ئاز ئەمەس».

     گەرچە ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇتقا ياردەم قىلىدىغان تېخنىكىلار ئارقىلىق قوشكېزەك ھامىلىدار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنە ناھايىتى زور خەۋپ بار ئىكەن، مەسىلەن، بالىياتقۇنىڭ ئارتۇقچە غىدىقلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۇنىۋېرسال كېسەللەر، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، تۇخۇمدان يېرىلىش، قان كەپلىشىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى دوختۇرخانىلار ئادەتتە نورمال تۇغۇت ئىقتىدارى بار ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇغۇتقا ياردەم قىلىدىغان تېخنىكىلار ئارقىلىق ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلمايدۇ، پەقەت ھامىلىدار بولماسلىق ئالامەتلىرى بار بولسا، ياكى ئىرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇتقا ياردەم قىلىدىغان تېخنىكىلارنى قوللانسا بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
26-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek