شىنخۇا تورى 19- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
پاكىستان ھۆكۈمىتى 19- مارت مەزكۇر دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يېقىندا قارا يامغۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھازىرغا قەدەر 79 ئادەمنىڭ بۇ ھۆل-يېغىن ئاپىتىدە قازا قىلغانلىقىنى، 97 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
پاكسىتان دۆلەتلىك تەبئىي ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېگەن: يېقىندا پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتىۋە يەنە كان گۆمۈرلۈپ چۈشۈش، تاغ سىيرىلىش قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، زور ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغىنى پاكىستانىڭ غەربىي قىسىمىدىكى قەبىلە رايونى بولۇپ، كۈچلۈك قارا يامغۇر 22 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە 33 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پاكىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە 19 ئادەم قاز قىلىپ، 20 ئادەم يارىلاندى. كەشمىر رايونىدا نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى، 11 ئادەم قازا قىلدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved