بېيجىڭ شەھەرلىك ياش - ئۆسمۈرلەرگە مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ بىر قېتىملىق ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كىشلىك مۇناسىۋەتتە قېينىلىدىغانلار %40 ئەتراپىدا ئىكەن. نۇرغۇن ئادەملەر كىشلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن دائىم نەتىجىنىڭ ئاررزۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى دېگەن.
پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، باشقىلار بىلەن ئىچقويۇق - تاشقويۇق ئۆتۈش ئارزۇسى ئادەملەرنىڭ تەبئىيىتى ئىكەن، لېكىن باشقىلار بىلەن ئىچقويۇق - تاشقويۇق ئۆتۈش ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى 《ئۆلچەم》نى ئۆگىنىش كېرەك. بۇ 《ئۆلچەم》بەدەن ئارىلىقى ۋە سۆھبەت مەزمۇنى ... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بەدەن ئارىلىقىغا قارىتا پىسخولوگلار ئېدۋارا . خور 《كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارىلىق بەلبېغى》ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاتا - ئانا، ئۇرۇغ - تۇغقان، يارۇ - بۇراەرلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، يېرىم مېتىر ئارىلىق بولىدۇ، بۇ 《يېقىنچىلىق بەلبېغى》دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئادەتتىكى دوستلار بىلەن بىللە تۇرغاندا بۇ ئارىلىق بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛كىشلىك مۇناسىۋەت سورۇنىدا بولسا، بۇ ئارىلىق بىر مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە بولىدۇ، مانا بۇ《كىشىلىك مۇناسىۋەت بەلبېغى》دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر مۇناسىۋىتىڭلار بەكمۇ يېقىن بولمىغان بىر ئادەم ھەدەپ سىزگە چاپلىشىۋالسا، سىز چوقۇم بىئارام بولۇپ كېتىسىز. پىسخولوگلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، باشقىلار بىلەن مۇۋاپىق بولغان بەدەن ئارىلىقىنى ساقلىغاندا، قارشى تەرەپكە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلىغىلى ۋە قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ؛ بولمىسا باشقىلار سىزنى قوپال، ئەدەپسىز دەپ قاراپ، سىزدىن ئۆزىنى تارتىپ يۈرىدۇ.
بەدەن ئارىلىق ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم، خۇددى شۇنىڭدەك سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. قىلمىش ئىلمى تەتقىقاتچىسى سىكزېنت مىخالى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە قارشى ئېلنمايدىغان سەككىز خىل قىلمىشنى ئوتتۇىغ قويغانىدى.
1. ئۆزىنى رادىيو دەپ قاراش : دائىم باشقىلارغا ئۆزىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئائىلە تۇرمۇشى، ساغلاملىق مەسىلىلىىنى دېيىش، لېكىن باشقىلار ئوتتۇرىغ قويغان مەسىلىلەرگە قىزىقماسلىق، باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىۋېتىش، ئاڭلىغۇچى بولۇشنى خالىماسلىق.
2. دائىم ئەرزىمەس، قۇرۇق پاراڭ سېتىش، توختىماي يۈزەكى ئىشلارنى تەگەش.
3. ھېسسىياتى ئاددىي بولۇش: پەقەت ئۆزىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، باشقا ئىشلارغا قارىتا قىلچىلىك ھېسسىيات ئىپادىسى بولماسلىق.
4. باشقىلارنىڭ پارىڭىغا قىززىقمىسا، كەسكىن ياكى خىيالىي ھالغا كېرىۋىلىش، ئاڭلاش خوش ياقمايدىغان قىياپەتكە كېرۋىلىش.
5. ھەرقانداق سورۇندا، جىمجىت، تەنھا بولىۋېلىش؛باشقىلارنىڭ سۆھبىتىگە ياكى پائالىيىتىگە قاتناشماسلىق، باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش.
6. پوزىتسىيىسى قوپال، ساپاسىز، ئاغزىدىن مەينەت، سىسىق گەپلەر چېقىش.
7. ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەپ قايناپ كېتىش، باشقىلارنىڭ ئىنكاسى ياكى كەيپىياتى بىلەن كارى بولماسلىق.
8. باشقىلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ئامراق بولۇش، ياغلىما سۆزلەرنى تۆكىۋېتىپ، باشقىلارنى بىئارام قىلىش.
سىكزېنت مىخالىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر يۇقارقى قىلمىشلار ئىچىدە، سىزدە ئۈچتىن تۆتكىچە قىلىمىشلار كۆرۈلسە، ئۇنداقتا سىز باشقىلار ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىغان ئادەم ئىكەنسىز. شۇڭا كىشىلەر يۇقارقى سەككىز قىلمىشقا ئاساسەن، ئۆزلىرىدىكى مۇۋاپىق بولمىغان كىشىلىك ئادەتلىرىنى تۈزىتىۋالسا، ئۆگىنىش، خىزمەت، سودا، ھەرخىل كىشلىك مۇناسىۋەتلىرى ئارزۇسىدەك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved