شىنخۇا تورى 19- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 16- مارتتىكى بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئوكرائىنا زۇڭتۇڭ پوروشىنكو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوكرائىنا زېمىنىدا رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. بىنورمال يول بىلەن تەختكە ئولتۇرغان بۇ زۇڭتۇڭ يەنە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلدۇ؟
ئەسلىدە پوروشىنكو شۇ كۈنى ئوكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك پەرمانىغا ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ پەرماننىڭ ھالقىلىق مەزمۇنى ئوكرائىناغا كېلىدىغان ئاساسلىق تەھدىتنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي-شىمالدىكى قوشنىسى رۇسىيەدىن كېلىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
بۇ پەرماندا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ئوتتۇرا مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوكرائىناغا جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغىنى يەنىلا رۇسىيە تەرەپتىن كېلىدىغان « تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتى ». ئۆتكەن يىلى كۈزدە پروشىنكو يېڭى ھەربىي ئىشلار تەلىماتىغا ئىمزا قويغاندىمۇ رۇسىيەنى كىيېۋنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى دېگەن.
« كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: كىشىنى ئەڭ ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، پوروشىنكو يەنە رۇسىيەنىڭ ئوكرائىنا چېگرىسى ۋە « رۇسىيە ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋالغان ئوكرائىنا زېمىنى »غا ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن، شۇڭلاشقا پەرماندا ناۋادا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوكرائىنا زېمىنىدا تۇرۇپ رۇسىيەگە ئوت ئاچسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىلگەن.
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىغان: بىر نۇقتا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ھېچكىم پوروشىنكودىن سورىمىسىمۇ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ: ئوكرائىنا بىلەن بىرلىكتە رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، دېدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved