جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىل ئاخىرى ۋە يېڭى يىلنىڭ بېشىدا جىنايى ئىشلار دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل، ئېغىر بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرى، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرى، كۆپ يۈز بېرىدىغان مال-مۈلۈككە دەخلى قىلىش جىنايىتى، تېلېگراف ئالدامچىلىق جىنايىتى ۋە ئالداپ سېتىش جىنايىتى قاتارلىق گەۋدىلىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىغا يېڭى يىل، چاغاننى تېخىمۇ بىخەتەر، ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ھەم 2016-يىلى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي، ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. يىل ئاخىرى ۋە يېڭى يىلنىڭ بېشى ئەزەلدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى جەھەتتىكى ھالقىلىق مەزگىل. بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كېتىدۇ، قاتناش-تىرانسپورت ئالدىراش بولىدۇ، بىر قىسىم كارخانىلار بازارغا ئۈلگۈرتۈش، ۋەزىپە تالىشىشقا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ كېتىدۇ؛ بايرام مەزگىلىدە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە چوڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى، يىغىلىشلار كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا سوۋۇپ، يامغۇر، قار، مۇز توڭلاش، سوغۇق ئېقىم، تۈتەك قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، ۋەقە ئاسان ھەم كۆپ يۈز بېرىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved