لەگلەك تورى تەرجىمىسى شىنخۇا تورى 8 - ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى باغدات خەۋىرى : ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا شۇ يەر ۋاقىتى 7 - چېسلا كەچتە ئارقا - ئارقىدىن پارتىلاش يۈز بەردى . 50 نەچچە ئادەم ئۆلۈپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارلاندى .
قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىراق ساقچىلىرىنىڭ سۆزىنى تارقاتتى . 7 - چېسلا كەچتە بىر سائەت ئىچىدە باغداتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە پارتلاش يۈز بىرىپ نۇغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئۆلۈپ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە 52 ئادەم قازا قىلدى دەپ ئېلان قىلدى . رىېرىن ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارلىشچە 60 دىن ئارتۇق ئۆلۈپ 110 ئادەم يارلاندى . ھازىر بۇ ئىشقا ھېچقانداق تەشكىلات ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىدى .
7 - چېسلا رىتېرىن ئاگېنتلىقىنىڭ دىيشچە شۇ كۈنى ئەڭ ئېغر پارتلاش باغدات شەھىرىنىڭ بايا رايوندا يۈزبەرگەن . بۇ قېتىمقى پارتلاشتا 23 ئادەم قازا قىلغان . بۇ يەردە نۇرغۇن ياشلار بورت ئويناۋاتقان ئىكەن .
يەنە بىر ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى خەۋەر قىلىشىچە چېكىدىن ئاشقان تەشكىلاتلار شۇ يەر ۋاقىتى 7 - ئىيۇن ئىراقتىكى بىر مەكتەپنى ئىگەنلىدى ۋە ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلدى .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاز دىگەندە ئككى نەپەر مەكتەپ ئامانلىق ساقلىغۇچى توقۇنۇشتا قازا قىلغان . يەنە بىر دوختۇرخانا ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارلىدى . ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى بۇشەھەردىكى ئالاھدە قىسىم شۇ كۈنى قاپسىلىپ قالغان ئۇقۇتقۇچ ۋە ئۇقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى . قۇراللىق ئۇنسىرلار بىلەن ئېلىشىپ ئاز دىگەندە 9 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى دەپ ئېلان قىلدى .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنبەر ئۆلكىسدە بىر ماشىنىغا لىق پارتلاتقۇچ قاچىلاپ ئۆزىنى قوشۇپ بىر ئىراق ئارمىيسىنىڭ بازىسغا كىرىپ پارتلاتى . ئككى ئەسكەر ئۆلۈپ بەش ئەسكەر يارلاندى .
ئىراقنىڭ يېقىندىن بىخەتەرلىك ۋەزىيتى ناھايىتى ناچار . ھەر خىل زورانلىق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەملەر يارلاندى ياكى ئۆلدى . بىر ئاخبارات ۋاستىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشكارلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارلىدى . بۇ يىل 5 - ئايدا ئىراق دۆلەت ئىچىدە ھەر خىل توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەر 900 ئادەم .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved