شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇق رايونلىرىدا بالىلار يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان بولدى

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىماكان قۇملۇقى بويلىرىدىكى تەبەسسىۇم پارلىغان چېھىرلەر

  يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىلىق مەركىزىي قوش تىللىلىق يەسلىسىگە بارغاندا، بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىنىڭ ناخشا ئاۋازى بىلەن بىرلىشىپ، تەكلىماكان بويلىرىدىكى بۇ كىچىك كەنتنى جانلاندۇرۇۋەتكىنىنى كۆردى.

  قۇمقۇسار يېزىسى تىلغا ئىلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ناتۇنۇش ھېس قىلىدۇ. لېكىن شىۋىيېتسىيەلىك دۇنياغا داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيەچى سىۋىن ھېدىن نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتۇنۇش ئەمەس. ئەينى يىللىرى ئۇ قۇمقۇسار يېزىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا رەسمىي كىرىپ، تۇنجى ھەيرەتتە قالدۇرغان كروران خارابىسىنى بايقىغان.

  2008-يىلى، دۆلىتىمىز 1 مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىەپ، تەكلىماكان قۇملۇق بويلىرىدىكى قۇمقۇسار يېزىسىدا بۇ قوش تىللىق بالىلار يەسلىسىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ يېزىدىكى يەسلى يېشىغا توشقان ئۇيغۇر بالىلار ھەقسىز يەسلى تەربىيەسىدە بولغان. قوش تىل يەسلىسى توغرىسىدا توختالغان بىلقىز مەمەتنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم پارلىدى.

  ئىلگىرى بۇ جايدا بىر شەخسي يەسلى بولۇپ بالىلاردىن بىر ئايدا 50 يۈەن ھەق ئېلىناتتى. يەسىلىدە بالىلار ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 70تىن ئاشمايتتى. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارغا نىسبەتەن 50 يۈەن ئاز پۇل ھېسابلانمايتتى،شۇڭا بالىلىرىنى يەسلىگە بەرمەيتتى- دېدى بىلقىز مەمەت.

  قۇمقۇسار يېزىلىق مەركىزىي قوش تىللىق يەسلى ئېچىلغاندىن كېيىن، بالىلار ھەقسىز يەسلىگە كىرىدىغان بولغاچقا ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىگە ئەكىلىپ بەردى.

  يەسلى باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلقىز ئەمەتنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ھەممە بالىلارنىڭ يەسلىدە ئوقۇيالىشى بولدى. يېقىندا، بۇ يېزىنىڭ يېشىغا توشقانلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  «مېنىڭ بالام يەسلىدە 20 ناخشا ئۆگۈنۈۋېلىش بىلەنلا قالماي يەنە 10 نەچچە خىل ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ھەر قېتىم بالىسىدىكى ئۆزگىرىشنى بايقىغان پاتىگۈل بەخت ھېس قىلىدۇ. بالام بۇلارنى بىلىپلا قالماي يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەم بولۇش ئۈگۈتلىرىنى ئۆگىنىپ، بارغانچە ئوماقلىشىپ كەتتى، دېدى.

  مۇخبىر دۆلىتىمىزنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىغا قوش تىللىق يەسلى قۇرۇپ بېرىپلا قالماي يەنە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ۋە تامىقىغا مەخسۇس تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى بىلدى.

  «بىز تەكلىماكان بويلىرىدكى بالىلارنىڭ ھەقسىز بۇنداق ياخشى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە نائىل بۇلالىشىنى چۈشىمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان. «كىچىكمدە ماڭا يەسلىگە بېرىش پۇرسىتى بولمىغان، ھازىرقى بالىلار راستىنلا بەختلىك جۇمۇ.



خەتكۈچلەر:
27-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek