يەر شارى خەۋەر تورى 10-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى زاگازىك ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇنىۋېرستىت دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «مۇرسى 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىۋېرستىتتىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرمىغانلىق» سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارى ماقۇللانغان. مىسىر ئالى مائارىپ مىنىستىرى سەييىد ئەھمەد ئابدۇلخالىقنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇنىۋېرستىت باشقۇرۇش ئورنى مۇرسىينى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان «ئىشقا كەلمىگەن» لىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارى چىقارغان. دېيىلگەن. ئابدۇلخالىق، بۇ قارارنىڭ مۇرسىنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېيتتى. مۇرسى زاگازىك ئۇنىۋېرستىتى ئىنژېنىرلىق پاكۇلتىتىدا ۋەزىپە ئۆتەيتتى. مۇرسى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرى «ئىتتىھادىيە ۋەقەسى» دېلوسى بىلەن سوتلىنىپ 21-ئاپرېلدا زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved