ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم « پۇتبول ئەزىمەتلىرى » يېڭى يىلدىن كېيىنكى قويۇلىدۇ

     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:  شىنجاڭدىكى شىركەت ئىشلىگەن، ئاپتونوم رايونىمىز ياشلار ئۆسمۈرلەر پوتبول ھەرىكىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن كارتون فىلىم « پۇتبول ئەزىمەتلىرى » يېڭى يىلدىن كېيىن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 25- دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تەسۋىرى مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 12مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن 104قىسىملىق كارتون فىلىم « پۇتبول ئەزىمەتلىرى »نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى (1-26-قىسىم ) ئىشلىنىپ بولغان بۇلۇپ، يېڭى يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ئۆسمۈرلەر قانىلىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، « پۇتبول ئەزىمەتلىرى »نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى (27-52- قىسىم ) جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بۇلۇپ، 2016-يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تىيەنجىن تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسىدا ئىككى بۆلۈمى ئۇلاپ كۆرسىتىلىدىكەن.

  « پۇتبول ئەزىمەتلىرى »دە چېكىنمە بايان ئۇسۇلى بىلەن خوتەن ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ، خەلقئارادىكى كۈچلۈك كوماندا ئارزۇ باشلانغۇچ مەكتىپى يىلپىز كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىنى مۇقەددىمە قىلىش ئارقىلىق، باش قەھرىمان ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئالىمجان بىلەن خەنزۇ ئۆسمۈرجاۋ لې لېنىڭ بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق ئارقىلىق تونۇشىشى، خوتەندىكى داڭلىق پۇتبول ترېنېرى جۈرئەتنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئۇلارغا كۆزى چۈشكەنلىكى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ خوتەن ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغانلىقى، ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا زىددىيىتى بار « كىچىك رەقىبلەر » دىن ياخشى دوست، ياخشى ئاكا - ئۇكىلارغا ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز كوماندىسىنى يېتەكلەپ چېمپىيون بولغانلىقى ھىكايە قىلىنغان.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek