بۈگۈن ب د ت بالىلار فوندى بايانات ئېلان قىلىپ 2015-يىلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئارىسىدا سەككىزدىن بىرىنىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت بالىلار فوندىنىڭ ئىجرا مۇدىرى ئانتونى رېكنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2015-يىلى 16مىليوندىن ئارتۇق بوۋاق توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇغۇلغان، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سانىنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئىگەللەيدىكەن، بۇ تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ توقۇنۇشنىڭ تەھدىتىگە يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «ھەر ئىككى سىكۇنتتا بىر بوۋاق توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇغۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق مۇھىتتا ياشايدۇ، داۋالاش قوبۇل قىلالمىغاندىن باشقا، يەنە ئۇرۇش توقۇنۇشى، تەبىئىي ئاپەت، نامراتلىق، كېسەللىك ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق پاسسىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ناچار ھاياتلىق باشلىنىش نۇقتىسى بارمۇ؟» دېدى.
ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، جەنۇبىي سۇدان، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق ئۇرۇش توقۇنۇشقا تولغان رايوندا ياشاش ۋە قېچىش جەريانىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە ئۇلارنى ئانىلىرى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ- ھامىلدار ئايال بالا تۇغقاندا تىببىي ياردەم كەمچىل، سەھىيە شارائىتى ناچار. نۇرغۇن بالىلار بەش ياشتىن بۇرۇن قازا قىلىدۇ، بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە تونۇش تەرەققىياتى ئۇزۇن مەزگىللىك بېسىمغا ئۇچرايدىكەن.
توقۇنۇش ۋە نامراتلىقتىن باشقا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى ۋە تىرىكچىلىك پۇرسىتىنىڭ كەم بولۇشىمۇ بالىلارنى ئاجىز كوللىكتىپقا ئايلاندۇرغان، مىليونلىغان بالا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پەقەت 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئېيىدىلا، 200 مىڭدىن ئارتۇق بالا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان. بۇنىڭدىن باشقا پەقەت 2014-يىلىلا 30 مىليون بالا ئۇرۇش، زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانسىز قالغان.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيادا سەرگەردان نوپۇس ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. 250 مىليوندىن ئارتۇق بالا يەنى پۈتۈن دۇنيادىكى توققۇز بالىنىڭ ئارىسىدا بىرى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى دۆلەتتە ياشايدۇ. ساغلاملىق، مائارىپ ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتتە ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ 500مىليوندىن ئارتۇق بالا سۇ كەمچىل رايوندا؛ 160 مىليون بالا ئېغىر قۇرغاقچىلىق رايوندا. گەرچە بالىلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللىسىمۇ، لېكىن ئېغىر نامراتچىلىقتىكى نوپۇسنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگەللەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved