پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر كاراچى ئەتراپىدا قۇرۇلغان پاكىستان شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاكىستاندا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تۇنجى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى بولۇپ، جەمئىي 130 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي قۇراشتۇرۇلغان سىغىمچانلىقى 50 مېگاۋات، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 140 مىليون كىلوۋات / سائەت بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە ھەر ئايدا 200 كىلوۋات / سائەت توك ئىشلىتىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 60 مىڭ ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. « جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى » قۇرۇلۇشى 2013- يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر بىر تۈركۈم جۇڭگو ئېلېكتىر كۈچى ئېنېرگىيە تۈرلىرى پاكىستاندا ئىش باشلىدى ياكى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ نۆۋەتتە «كارىدور» قۇرۇلۇشىدىكى بالدۇر ئۈنۈم بېرىدىغان 21 تۈر ئۈستىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، چوڭ بىر تۈركۈم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرىنىڭ يېقىندا يولغا قويۇلىشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ «كارىدور»نىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە دەسلەپكى قەدەمدە پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنى قاپلىغان، مەبلەغ سېلىش شەكلى كۆپ خىل بولغان، كۆپ تەرەپ ئاكتىپ قاتنىشىدىغان، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ تۈرلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلۇشى پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ناھايىتى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، پاكىستان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل توختاپ قېلىشى ۋە ئېلېكتىر كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved