مۇخبىرنىڭ 19-نويابىر ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» خەلقئارالىق ئىستىراھەت رايونى، شىنجاڭ «ئاق بۇلۇت» قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق بىر قانچە قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالتىسىدىن باشلاپ تىجارەت باشلايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا تىجارەت باشلاش مۇنتىزىملىشىپ، قار تېيىلىش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىشلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . بۇ يىل قىش پەسلى كېچىكىپ كىرىپ، قار ئاز ياغقانلىقتىن ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى 11-ئاينىڭ بېشىدىلا سۇنئىي قار ياغدۇرۇپ، قار تېيىلىش يوللىرىنى ياساپ بولغان .
بۇ يىل ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ھەر خىل باھادا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرنى قوللىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «يىپەك يولى» خەلقئارالىق ئىستىراھەت رايونى 22-نويابىرىدىن 30-نويابىرغىچە «قىشلىق ساياھەت كەسىپى سودا كۆرگەزمىسى» ئېتىبار باھا پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئادەتتە تۆت سائەت قار تېيىلغىلى بولىدىغان باھادا بىر كۈن قار تېيىلغىلى بولىدىكەن، «ئاق بولۇت» خەلقئارالىق قار تېيىلىش مەيدانىمۇ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان ئېتىبار باھا پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدىكەن .
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved