لەگلەك تورى 8-ئاۋغۇست تەرجىمىسى: ئامېرىكا ۋاقتى 7-ئاۋغۇست كەچ سائەت 9:30 دا ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوباما ئىراقتىكى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەت توغرىسدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:« بۈگۈن ئىككى تۈرلۈك ھەرىكەتنى تەستىقلاپ، ئىراققا قاراتمىلىق كۈچلۈك بولغان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايمىز ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىمىز ».
ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يۇقارارقى قارارنى چىقىرىپتۇ. ئامېرىكىنىڭ رادىكال ئىسلام تەشكىلاتى - «ئىسلام دۆلىتى» (ISIS) كە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشتىكى مەقسىتى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەمدە ئىراق پۇقرالىرىغا ھاۋادىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تاشلاپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەن. ئومابا مۇنداق دېدى:« ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە قالغاندا بىز چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved