جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۇنىستا 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇزىيغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى. تۇنىس ساقچىلىرى ۋەقەگە ئالاقىدار ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىدا 9 كىشىنى قولغا ئالدى.
تۇنىستا چارشەنبە كۈنى تارىخى باردو مۇزىيىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 20 ساياھەتچى، 3 تۇنىسلىق كىشى ئۆلگەن بولۇپ بۇ ھۇجۇمنى ISIS ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ISIS ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىر ئاۋاز ھۆججىتى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۇنىستىكى مۇزىيغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆزىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاۋاز ھۆججىتىدە بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان كىشىلەر ماختالغان.
تۇنىس ساقچىلىرى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ. شۇئانغا قەدەر بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ گۇمان قىلىنغان 9 نەپەر گۇماندار قولغا ئېلىندى. تۇنىس تەرەپتىن بىر ئەمەلدار رېيتىر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، «بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلاردىن تېرورچى ھاتەم ئەل كاشنۇئىنىڭ دادىسى ۋە قىز بىر تۇققىنى قولغا ئېلىندى» دېدى.
تۇنىس پارلامنېتىغا يېقىن بىر جايدىكى باردو تارىخى مۇزىيى، ھەربىي كىيىم كىيگەن قوراللىق ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ئىدى. 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ۋەقەدە ئىككى نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved