بىر نېرۋىسدىن ئادىشىپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئەر 17يىلدىن كىيىن تۇيۇقسىز ھەدىسنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى

ئىزاھات-بىر نېرۋىسدىن ئادىشىپ قالغان سىچۈئەنلىك ئەر ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ 17يىلدىن كىيىن سىچۈئەندىن خېنەنگە كېلىپ تۇيۇقسىز خېنەندىكى ھەدىسنىڭ ئۆيى ئالدىدا پەيدا بولدى.

ئىنىسنىڭ ‹‹تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۈشكەندەك››لا پەيدا بولغنلىقنى كۆرۈپ ھەدە ئۆزىنى ئىنىسنىڭ  باغرىغا ئېتىپ  ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ ياش تۆكمەكتە ؛ئىنىسى بولسا  ئۈنسىز-تۈنسىز  كۈلۈپلا تۇراتتى ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ئاللىقاچان  ھەدىسنىڭ مۈرىسنى ھۆل قىلۋەتكەن ئىدى.

 

ئىنسى قانداق قىلىپ ھەدىسنىڭ ئۆيىنى تاپقان؟بۇ نېرۋىسى ئادىشىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ كىشلىك دۇنيادا ياراتقان مۆجىزىسى ھەم قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھاببەت رىۋايتىنىڭ قىزىق داستانى.

 

ئىنىسنىڭ ئىسمى لىيۇمېڭ ،1971-يىلى تۇغۇلغان،ھازىر 43 ياش.

 

ئاچىسى ليۇيۈجىننىڭ تۇنۇشتۇرشىچە: ئىنسى سىچۈئەن جىنتاڭ ناھيەسى يوۋشىن يىزىسى خوڭيۈئەن كەنتى 11-مەھەللىسدىن ئىكەن.تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن 19يېشىدا ھەربىلىككە قاتناشقان ،ئۈچ يىل ھەربىيلىكتە تۇرغاندىن كىيىن نېرۋىسدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ھەربىي سەپتىن قايىتقان.1994-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئىككىنجى يىلى توي قىلغان؛ 1995-يىلى ئۇنىڭ چوڭ قىزى تۇغۇلغان؛1997-يىلى ئىككىنجى قىزى تۇغۇلغان.

ليۇ يۈجىن ئەينى ۋاقتىنى ئەسلەپ:‹‹كىچىك قىزى تۇغۇلۇپ تېخى يېرىمياشقىمۇ توشمىغاندا ئىنىمنىڭ ئايالى كىچىك قىزنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى ، كىلىن ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ بىر ئايدىن كىيىن 1997-يىلى ئىنىم لىيۇمېڭمۇ چوڭ قىزىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، شۇندىن بېرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى›› دەيدۇ. ئۇ يەنە كۆز يېشىنى توختىتالماي ھەسرەتلىنىپ :‹‹ ئىنىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئاشۇ يىلى ئاپام 71 ياشتا بۇلۇپ، يامغۇر ياكى قار يېغىپلا قالسا ئىنىمنىڭ ھۆل بۇلۇپ توڭلاپ كېتشىدىن ئەنسىرەپ  ئۆي ئىچىگە بىكىنۋېلىپ يىغلايتتى ،ئاپام لىيۇمېڭنى ئىزدەپ تاپىمەن دەپ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان سىچۈئەن ،خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى يۈزدىن ئارتۇق شەھەرنى ئىزدەپ چىقتى .

ئوغلىنىڭ قارسىنمۇ كۆرەلمىگەن ئاپام بۇ يىل ئاللىقاچان 88 ياشقا كىرىپ قالغان بۇلۇپ ئەمدى قوزغىلىشقا پەقەتلا ئامالى قىلمىدى ،ھەركۈنى ئۆي ئىچىدە ‹‹تەڭرى››نىڭ ئىنىمنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشنى تىلەپ ئولتۇردۇ.›› دىدى.

 

ھازىر 50ياشقا كىرىپ قالغان لىيۇ يۈجىن مۇنداق دەيدۇ:‹‹ مەن ئاساسەن ھەر يىلى دىگۈدەك سىچۈئەندىكى ئۆيگە قايتىپ تۇرىمەن،ئاپامنىڭ تەسىرى ئاستىدا مەنمۇ ھاۋا رايىغا دىققەت قىلدىغان يامغۇر ياكى قار يېغىپ قېلشىدىن ئەنسىرەپلا يۈردۈم.ئىلگىرىكى ئۈمۈدۈم 365 كۈننىڭ ھەممىسنىڭ ھاۋا ئوچۇق بۇلۇپ ،كۈندە سوغوق بولماسلىق ئىدى.››

31يىل ئىلگىرى لىيۇيۈجىن خېنەن ئۆلكىسنىڭ رۇنەن ناھىيەسى سۇندۈن كەنتىگە ياتلىق بۇلۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ دىيشىچە:‹‹مەن 1982-يىلى بۇ يەرگە ياتلىق بۇلۇپ كەلدىم ،1984-يىلى باھار بايرىمدا مەن سىچۈئەندىكى ئاپامنىڭ ئۆيىگە قەيتىپ ھېيىت ئۆتكۈز گەنتىم ؛ بايرامدىن كىيىن لىيۇمېڭنى ئېلىپ خېنەنگە قايتىپ كەلدىم.

ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تېخى نەچچە ئايلىقلا بوۋاق چېغىدا مەن ھەركۈنى ئۇنى كۆتۈرۋېلىپ يۈرەتتىم .باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ھەركۈنى ئۇنى مەكتەپكە ئاپىراتتىم. ئۇ مەن بىلەن ئەڭ يېقىن ئىدى. خېنەنگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ تېخى 13 ياشتا بۇلۇپ، مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت تۇرۇپ ئاندىن تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا ئارقىدىن ھەربىيلىككە كەتتى.يەنە ئارقىدىن نېرۋىسدىن ئادىشىپ قالدى.ئۇ يۇقاپ كەتكەن 17 يىل ئىچىدە، مەن ھەركۈنى ئۇ كېلىدىغان كۆۋرۈك تۈۋىگە بېرىپ ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە مۆجىزلەرچە تۇيۇقسىزلا پەيدا بۇلۇپ قېلشىنى كۈتەتتىم››

 

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كىيىن لىيۇيۈجىن ئېتىزدىن  قايتىپ ئۆيىگە يېقىن قالغاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاتتىق ھەيران قالغان:چوڭ دەرۋازا سىرتىدا بىر كىيىملىرى پاسكىنا بىر ئەر تۇراتتى. .ليۇيۈجىن شۇ دەقىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئۇ ئەرنىڭ بوي-تۇرقى ماڭا بەكمۇ تونۇش بىلىندى ،يېقىن كىلەي دىيشىمگە ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ‹تۇنۇمىدىڭ ؟› دىدى ، قارىسام راستىنلا مەن زارىقىپ كۈتكەن ئىنىم ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ۋارقىراپ يىغامنى تۇتۋالالماي ئۇنىڭ باغىرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم››

 

كەنىتتىكلەرنىڭ دەپ بىرشىچە:‹ جىن يۈ بىلەن ئۇنىڭ ئىنسى بىر-بىرنى قۇچاقلىشىپ كەچ كىرگىچە يىغلاشتى ،ئۇنىڭ ئىنسى ھەدىسنىڭ مۈرىسگە بېشىنى قۇيۋالغان بۇلۇپ، ئۈن-تۈنسىز كۈلۈپ تۇراتتى ،كۆزدىن ئاققان ياش ئاچىسنىڭ مۈرىسنى ھۆلدىگەن ئىدى.›› 

قېرىنداشلار قايتا ئۇچراشقان 10 كۈندىن بۇيان ئەگەر ھەدىسى گەپ سورىمسا لىيۇمېڭ كۈن بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان . لىيۇيۈجىن نەچچە قېتىم قانداق قىلىپ ئۆزىنى ئىزدەپ تاپالىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ پەقەت ‹‹خېنەن››،‹‹سۇيا كۆلى››،‹‹كۆۋرۈك›› دىگەن بىر قانچە سۆزنىلا قىلغان.مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا بىلشىچە، لىيۇمېڭ ھەدىسدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنى كۆرۈشنى خالىمايدىكەن.ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن چوڭ قىزى دادسىنىڭ خەۋرىنى ئاڭلاپ يىتىپ كەلگەندىمۇ ئۆز قىزنىمۇ تۇنۇيالمىغان.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىيشىچە لىيۇمېڭنىڭ نېرۋا كىسلى بەكمۇ ئېغىر بۇلۇپ پەقەتلا ھەدىسىگە بولغان قىممەتلىك مۇھاببەتلا ئۇنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ ھەدسىنى تېپشىغا تۈرۈتكە بولغان.بۇ كىشلىك ھاياتتىكى بىر قېتىملىق مۆجىزە ھېسابلىندۇ، يەنە شۇنداقلا قېرىنداشلىق رىۋايىتنىڭ قىزغىن داستانىسى.

 



خەتكۈچلەر:
13-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek