شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئىتالىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى بىريوسكونى قىرىمدا قەدىمكى يادىكارلىقلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغان، بۇ جەرياندا قىرىمدىكى مەشھۇر ماساندىرە ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى جېنىنا 240 يىل ساقلانغان بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئۇلارغا ئېچىپ بەرگەن. يۇقىرىقى ئەھۋالنى كۆرگەن بىرەيلەن مۇنداق دېگەن: ماساندىرا ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باشلىقى پاۋلېبكوف پۇتىن بىلەن بىريوسكونىغا 1775-يىلى ئېچىتىلغان بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىپ بەردى.
ھازىر پۇتىن بىلەن بىريوسكونىنىڭ ھاراقنى ئىچكەن، ئىچمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەسكەن. ئۇكرائىنانىڭ تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش مەركىزى: پاۋلىنكوا بىر بوتۇلكىسى 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ھاراقنى پۇتىن بىلەن بىريوسكونىغا ئېچىپ بەرگەن، ئۇكرائىنا تەپتىش تەرەپ پاۋلىنكوفنى خىيانەتچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن قولغا ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دېگەن.
ئۇكرائىنانىڭ قىرىمدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن تەپتىشى: بۇ بىر بوتۇلكا ھاراق ماساندىرا ھاراق زاۋۇتى ۋە قىرىمنىڭ مۇھىم مىراسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ مۇھىم راست ئىدى دېگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved