جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈندىكى تېلىگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى، تەيۋەن ‹‹بىرلەشمە سەھەر گېزىتى››نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا،تۈنۈگۈن تەيۋەن يىلەن ناھىيەسى جۇاڭۋېي يىزىسدا تۆت ئاكا-ئۇكا جەم بۇلۇپ مىراسنى قانداق ئۈلۈشۈشنى مەسلىھەتلەشكەن ئاخىردا قانلىق ۋەقە سادىر بولغان. 62ياشلىق چوڭ ئاكىسى كىچىك ئىنىسنىڭ ئوخشىمغان پىكىردە چىڭ تۇرۋالغانلىقىغا نارازى بۇلۇپ پىچاق بىلەن ئىنىسنى چاناپ ئۆلتۈرۋەتكەن ئارقىدىن ئۆزىمۇ دېھقانچىلىق دۇرىسى ئىچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان ، گەرچە دوختۇرلار ئۇنى جىددى قۇتقۇزۋالغان بولسىمۇ بىراق ھازىرقى ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكدەك ئەمەس ئىكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپكى قەدەملىك تەكشۈرشىدە كۆرسىتىلشىچە، لىن ئائىلسىدىكى تۆت ئاكا-ئۇكىنىڭ ھەممىسى تەيبېيدا خىزمەت قىلدىكەن. ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاپىسى ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كىيىن، جۇاڭۋېي يىزىسدىكى ئۆيىدە ئاساسەن ئادەم ئۆلتۈرماي تاشلىنىپ تۇرۇپ قالغان ، پەقەت چوڭ ئاكسىلا پات-پات بېرىپ يوقلاپ تۇرغان ئىكەن. تۆت ئاكا-ئۇكىمۇ ئادەتتە بەك كۆپ ئالاقىلشىپ كەتمەيدىكەن. پەقەت ھېيىت-بايراملاردا يىغلىپ يۈز كۆرشىدىكەن.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا بۇ تۆت ئاكا-ئۇكا جۇاڭۋېيدىكى بۇرۇنقى ئۆيىگە قايتىپ ئاپىسنىڭ مىراسىنى ۋە سۇغۇرتا پۇلىنى قانداق بۆلۈشۈشنى مەسلىھەتلەشكەن ، ئىگەللىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ پىكىرى بىر يەردىن چىقمىغان تالاش ا-تارتىش تۈگىمىگەن، كىيىن ئۇلار ئۆي ئىچىنى بەك ئىسسىپ كەتتى دەپ سىرىتقا چىقىپ مەسلىھەتلەشمەكچى بولغان ، بىراق ئويلىمغان يەردىن چوڭ ئاكىسى 60سانتىمىتىر كىلدىغان بىر پىچاقنى ئېلىپ چىقىپ ئۇدۇل 45ياشلىق كىچىك ئىنىسنىڭ دۈمبىسنىڭ سول تەرپىگە تىققان، ئىنىسى شۇ جايدىلا يەرگە يىقىلىپ يارا ئېغزىدىن قان توختىمغان.
نەخ مەيداندىكى ئىككى ئىنىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ، گەرچە ئۇلار ئاكسىنى توسۇۋالماقچى بولسىمۇ ئەمما ئاكىسى تەلۋىلەرچە ئېتىلىپ كىلىپ ئىككىنجى ئىنىسنىڭ سول ئالقىنغا پىچاق ئۇرغان ، بەخىتكە يارىشا چوڭ يارا بولمىغان . چوڭ ئاكىسى دېلو سادىر قىلىپ بولغاندىن كىيىن تېزلا نەخ مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
ئىنىسنىڭ دوسىت-بۇرادەرلىرى كىچىك ئىنىسنى دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن ، ھەمدە ئادەم ئاجرىتىپ چوڭ ئاكىسنىڭ دېركىنى قىلغان ، بىر سائەتتىن كىيىن دوسىت -بۇرادەرلىرى چوڭ ئاكسىنى لىن ئائىلسىگە يېقىن بىر جايدىكى سۇ كۆلچىكىدە بايقىغان بۇلۇپ، يۈزى يەرگە چاپلىشىپ ياتقان ئىكەن. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر قۇتا دېھقانچىلىق دورىسىمۇ بار ئىكەن. باشقىلار ئۇنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغانلىقدىن گۇمان قىلىپ ئۇنىمۇ دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتىكىگەن.
كىچىك ئىنىسنى گەرچە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددى قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ بىراق يارا ئېغزىنىڭ بەك چوڭ بولغانلىقى تۈپەيلى نەپەس ئېلىشى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن. گەرچە يۈرەك سوقۇشى ۋە قان بېسىمى بار بولسىمۇ بىراق تېخىچە ھوشىغا كەلمىگەن، داۋاملىق جىددى قۇتقۇزۇش كار قىلمىغان . چوڭ ئاكىسى گەرچە بىر قاتار داۋالاشتىن كىيىن ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئېغىر كىسەللەر ئۆيىدە ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرنىڭ ئاشكارلىشىچە، كىچىك ئىنىسى تەيبېيدە ئۆۇ-مۈلۈك ۋاستىچىلكى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، چوڭ ئاكىسى پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن بۇرۇنقى ئۆيىگە قايتىپ يەر تېرىغان ، ئۇ دورا ئىچىپ يىقىلىپ قالغان ئېتىز دەل ئۆزىنىڭ ئېتىزى ئىكەن. بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا ئادەتتە پەقەت ئالاقىلاشمايدىكەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved