بىر ئىراقلىق ئەر تېخى يېقىندىلا ئامېرىكىنىڭ داللاس رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ ، چارشەنبە كۈنى كەچ(4-چېسلا) قار ياغقانلىقىنى كۆرۈپھاياجانلىنىپ رەسىمگە تارتقان ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بىر توپ ئادەملەرتەرىپىتىنئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ساقچى تەرەپ تېخىچە قاتىلنى تۇتالمىغان بولۇپ ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 5000ئامېرىكا دوللىرى سۆيۈنچە بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ۋەقەنى ئۆزكۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ، بىر توپ زوراۋانلار قالايمىقان ئوق چىقارغان بولۇپ ، ئەتراپتىكى ماشىنىلارغىمۇ ئوق تەگكەن .
ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئەلجۈمەل ئايالى بىلەن توي قىلغىلى تېخى 16 ئاي بولغان بولۇپ ، تويدىن كېيىن ئايالى ئىراقنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ ، ئاۋۋال ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇق تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشنى قارار قىلغان ، تېخى 3 ھەپتە ئىلگىرى ئەلجۈمەل فوند جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكىغا كېلىپ ئايالى بىلەن جەم بولغان ئىدى .
4-چېسلا كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا تۇنجى قېتىم قار ياغقانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا ماشىنا توخىتىش مەيدانىغا بېرىپ رەسىمگە تارتقان ، بىراق نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ، ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved