روسىيە-مىسىر ھەمكارلىقى ئاشماقتا

جاھان ئاگېنتلىقى 4-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە-مىسىر ھەربىي ھەمكارلىقى ئورتاق كومىتىتىنىڭ تۇنجى يىغىنى ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن روسىيە پايتەختى موسكىۋادا ئېچىلدى. يىغىندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
يىغىنغا روسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي شويگۇ ۋە مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ھەربىي سانائەت مىنىستىرى سىدقى سۈبھى سەئىد ئەھمەد قاتناشتى.
ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ 2014-يىللىق نەتىجىلىرى ۋە 2015-يىلىغا ئالاقىدار ئەھۋاللىرى باش تىما قىلىنىدىغان يىغىندا روسىيە بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
ئىمزا مۇراسىمىدىن بۇرۇن، روسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ، مىسىرلىق كەسىپدىشىغا، سابىق مىسىر پرېزىدېنتى جامال ئابدۇنناسىرغا ، شۇ دەۋردىكى سوۋىت رەھبىرى نىكىتا خۇرۇشېۋ تەرىپىدىن «لېنىن» ۋە «قىزىل يۇلتۇز» مېدالى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان 1964-يىلى 15-مايدىكى پراۋدا گېزىتىنى ھەدىيە قىلدى.

روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە مىسىر پرېزىدېنتى سىسى 10-فېۋرالدا قاھىرەدە ئۇچراشقان ئىدى. مىسىر پرېزىدېنتى سىسى، ئۇچرىشىشتا مىسىر بىلەن روسىيە ئارىسىدا ئەركىن سودا رايۇنى قۇرۇلۇشى قارار قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، «ھەربىي تېمىلاردىكى ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققى قىلدۇرىمىز، ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەم تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدىمۇ كېلىشتۇق. ئىنىرگىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەم ئىلگىرى سۈرىمىز. شەرم ئەل-شەيختە ئۆتكۈزىلىدىغان مىسىرنى قوللاش يىغىنىغا ئالاقىدار ھۆرمەتلىك پۇتىنغا مەلۇمات بەردىم. ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ روسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ مىسىرنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
روسىيە ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش كۈرىشى قىلىۋاتىدۇ. سۇرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغان پۇتىن، مىسىردا 3-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشىگە ياردەم بەرگەن ۋە سىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان. مىسىردا تېرور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، روسىيە تەرىپىدىن 2003-يىلىدا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئۇكرائىنىيە كىرزىسىدە غەرب بىلەن قارشىلىشىپ قالغان موسكىۋا ھۆكۈمىتى، ئوخشاش يۈزلىشىشنى ئوتتۇرا شەرقتە ھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ. روسىيە يېقىنقى ئايلاردا نىفىت باھاسىدىكى زور چېكىنىشنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر قاتارىدا.



05-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek