ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى شەھىرىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا شەھىرىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ تارقاق ھالەتتە بولۇپ، كەسىپلەر توپلانغان رايون شەكىللەندۈرمىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش سورۇنى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئېتىراپ قىلغان رەنە بۇيۇمى بولماسلىق، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كارخانا تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويۇۋاتقانلىقى بايقالدى.
شەھىرىمىزدە ھازىر بار بولغان كىيىم-كېچەك كارخانىسى 1400دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى 400ى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىسى ئىكەن، خىزمەتچىسى 3000 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىسى ئومۇمىي ساننىڭ %90تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved