بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشكىلاتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بېريۇسىلدا ،رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تەبئىي گاز تالاش تارتىشىشى توغرىسىدا 5-نۆۋەت سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى ،دېگەندەك 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ سۆھبەت ئوڭۇشلۇق ئېلپ بېرىلدى .
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى :‹سۆھبەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ھەيئىتى ئودى سىڭگىر ،رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نوۋاك شۇنىڭدەك ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ۋە كۆمۈر سانائىتى مىنىستىرى پورودان قاتنىشىدۇ ،ئۈچ تەرەپ ۋەكىللىرى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 4- نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ھاسىل قىلغان كېلىشىم رۇسىيىنىڭ ئوكرائىنانى گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويماسلىقى ،ئۇكرائىنانىڭ 6-ئايدا تەبئىي گازنىڭ ھەققىنى ئالدىن تۆلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ كېسىم سوتىغا ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،بىراق ئۈچ تەرەپ رۇسىيىنىڭ ئوكرائىنانى تەمىنلەيدىغان گاز باھاسىدا بىر دەكلىككە كېلەلمىگەن .
رۇسىيە بۇ يىل 4-ئايدا ئوكرائىنانى تەمىنلەيدىغان تەبئىي گازنىڭ ھەر مىڭ كۇب مېتىرنىڭ باھاسىنى 485 دوللارغا ئۆستۈردى .
بىراق ئۇكرائىنا بۇ باھانى بەك يۇقىرى دەپ قاراپ ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئالدىدىكى 385.5 دوللارلىق باھادا چىڭ تۇردى .بۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالاقە يىغىنى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كىيىۋدا ئېچىلدى .ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ تور بېكىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى :
‹ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۇكرائىنانىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كىرىنكى ،ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى تارىيات سىنى ،ۋە رۇسىيىنىڭ ئوكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زورا بوفۇر. پوروشىنكۇ يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :
‹ئۈچ تەرەپ ۋەكىللىرى مەن 6-ئاينىڭ 6-كۈنى فرانسىيەنىڭ نورماندىيىدە ،فرانسىيە زۇڭلىسى ئونلاند ،گرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ،رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان كېلىىشمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك ،بۇ ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ھەر كۈنى يىغىنى ئېچىپ ، ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق خىزمىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك دېدى ، ھەمدە كېيىنكى پىلاننى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنى بەردى .
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا شەرقىي قىسمىنىڭ تىنچلىق پىلانىنى پوروشىنكۇ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى فرانسىيىدە ،فرانسىيە گېرمانىيە رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ يىل 5-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىق كۈچلىرى دونىتىسكى ئوبلاستى بىلەن لۇگانىسكى ئوبلاستىدا ئومۇمىي ئاۋازغا قۇيۇشنى تەشكىللىگەن ھەمدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى كۈنسىرى ئېغىرلاشقان ئىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved