ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا جۇڭگو ۋە رۇسىيە شەرقىي دېڭىزدا ‹ھەمكارلىق 2014›ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنى ئۆتكۈزدى .ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىمۇ مانېۋىرغا شاھىت بولدى .ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سەرخىل قوشۇنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ،ئەنئەنىۋى ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان جۇڭگو رۇسيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ سەپ تۈزىدى .بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانىۋېرنڭ مۇھىم نۇقتىسى .لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالساق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ھازىرقى ئەڭ يارقىن نۇقتا ئەمەس .يەر شارىلاشتۇرۇش ،يەر يەر ئەسلىھەسى سىياسىتى بىزنىڭ ھازىرقى جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرشىمىزدىكى يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ .
ئەگەر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر يەر ئەۋزەللىكى ئاساسىدىكى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى دېسەك ،ئۇنداقتا ھازىرقى ئىكى دۆلەتنىڭ ئەسىر ھالقىغان كېلىشىمنى يەر شارىلاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى جۇڭگو رۇسىيىنىڭ ئورتاقلىقىنى گەۋدىلەندۈردى دېسەك بولىدۇ .2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن ،شىيامىن ھۇسۇڭ ھەربىي پورتىدا جۇڭگو رۇسىيە ھەربىي باشلىقلىرىنىڭ كۆرەك مۇنبىرىگە چىقىشى بىلەن دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى 2014-يىللىق ھەربىي مانېۋېر رەەسمىي باشلاندى .ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مانىۋېرىنى بىرلىكتە كۆردى ،بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزۈش تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق كۆرۈلگەن ئىش .
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانىۋېرنڭ كۆلىمى ۋە رىئاللىقىمۇ ئوخشاشلا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان .22-ماي مانېۋېر دېڭىز ئۈستى ھەقىقىي ئەسكەر مانېۋېر باسقۇچىغا كىردى ،رۇسىيە تىنىچ ئوكيان ھەربىي پاراخوتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئۈچ چوڭ ھەربىي پاراىوت سېپىدىن كەلگەن 14 سۇ ئۈستى پاراخوتى بىلەن چۆكمە پاراخوت ئارىلاشما سەپ تۈزۈپ مانېۋېر قىلدى .ئىككىنچى سەپتە رۇسىيىنىڭ ۋارانگىيان ناملىق ھەربىي پاراخوتى قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالدى ،جۇڭگونىڭ خاربىن ناملىق ھەربىي پاراخوتىمۇ ئاساسىي قوماندانلىق ھەربىي پاراخوتى بولدى .رۇسىيىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوتىمۇ سەپكە قوشۇلدى ،ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ ئورتاق تۇتۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى ،ماسلىشىشچانلىقنى ئۆستۈردى .سەپ بۇلۇپ تىزىلىش جەريانىدا جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ياخشى ئالاقىلىشىپ ماسلىشىپ پاراىوت سۈرىتى يۆنىلىش قاتارلىقلاردا دېڭىزدىكى ئۈچ ھالىتىنى تەڭشەشنى قوماندانلىق قىلىش ئارقىلىق بېكىتتى .23-ماي ئىككى تەرەپ بۇلانغان پاراخوتنى قۇتقۇزۇش ،دېڭىزدىكى زەربىدارلىق مانىۋېرى قىلدى .نۇرغۇن ئىلغار تىپتىكى ئايروپىلانلارنىمۇ بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتناشتۇردى .24-ماي دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە 2014-يىللىق ھەربىي مانېۋېر شەرقىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلۈپ راست ئوق ئىشلىتىلدى .
21-ماي جۇڭگو رۇسىيە باشلىقلىرى جۇڭگو رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ،جۇڭگو رۇسىيە شەرقىي لىنىيە ھەمكارلىق تۈرى ئەسلەتمىسى ،جۇڭگو نېفىت تەبئىي گاز شىركىتى بىلەن رۇسىيە تەبئىي گاز سانائەت ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ جۇڭگو روسىيەدە شەرقنى گاز بىلەن تەمىنلەش سېتىش ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى . كېلىشىمگە ئاساسەن 2018-يىلىدىن باشلاپ رۇسىيە جۇڭگۇ رۇسىيە تەبئىي گاز لىنىيىسى شەرقىي لىنىيە ئارقىلىق جۇڭگوغا گاز يەتكۈزۈپ بېرىدۇ .گاز يەتكۈزۈش مىقدارىنى تەدىرىجىي كۆپەيتىپ ،يىلىغا 38 مىليارد كۇب مېتىرغا چىقىرىدۇ .30 يىلدا 38 مىليارد كۇب مېتىر تەبئىي گاز يەتكۈزۈلىدۇ ،بۇنىڭ ئۇمۇمىي سوممىسى 400مىليارد دوللار ،بۇ ئۈچ ھالقىلىق سان شۈبھىسىزكى غەرب تاراتقۇلىرىنى ھەيران قالدۇردى .شۇ قېتىملىق سائەت خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى ،ھەم شۇنداقلا داۋاملىق يادرولۇق ماددا ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى ،ئۆز ئارا كېلىشىش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ تەڭ رازى بولىدىغان توختام ماددىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى .
2014-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تەبئىي گاز ھەمكارلىقى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى ،ئون يىلدىن كېيىن ئەسىر ھالقىغان بۇ چوڭ كېلىشىمنىڭ ئەھمىيىتى تەبئىي گازنىڭ ئۆزىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدۇ . بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ،رۇسىيىنىڭ بايلىقى ناھايىتى مول .جۇڭگو بايلىقى بىر قەدەر كەمچىل دۆلەت .شۇڭا ئۇلار ئىستىراتېگىيە قۇرۇلما جەھەتتىن بىر بىرنى تولۇقلايدۇ . بۇنىڭغا ئوخشاش تەڭ مەنپەتلىندىغان ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن يىل مۇھاكىمە قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل يەنىلا باھا ئامىلى ،جۇڭگو ئىزچىل رۇسىيە بىلەن كېلىشىپ مۇقىم باھاغا كېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى ،رۇسىيە بولسا بازار باھاسى بۇيىچە ئىش كۆرمەكچى بولدى .بۇ رۇسيە جۇڭگو ھەمكارلىقى بىلەن سودىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .بۇ توختامنىڭ مۇھىم بولىشىدىكى سەۋەب شۇكى ئۇ شەرقىي سىبىرىيەنىڭ تەبئىي گاز بايلىقىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدۇ .ئۇنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشتىكى بىردىنبىر يول جۇڭگونى زاپاس گاز بىلەن تەمىنلەش .تەبئىي گازنىڭ كونكرېت باھاسىنى بەلكىم تۆۋەن ياكى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويىدىغان ئەھۋال بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .
رۇسىيىنىڭ ياۋروپانى كېرەكلىك بولغان تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە مەسئۇلىيىتى بار ،جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇشۇ ئەسىردىكى چوڭ توختامنى ئىمزالىغان كۈنى ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى پۇتىنغا قاتتىق سۆز ئىبارىلەر بىلەن خەت يازدى ،چۈنكى رۇسىيە ياۋروپا ئۇكرائىنالار ھازىر رۇسىيىنىڭ ئوكرائىناغا تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىش باھاسى ،ئۇكرائىنانىڭ پەرقى سوممىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ .رۇسىيە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3مىليارد 500 مىليون دوللار قەرزنى بېرىۋەتمىسەڭلار تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىۋېتىمىز دەپ شەرت قويدى .بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى . جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ تەبئىي گاز توختامى ئىمزالىشى رۇسىيىنىڭ ياۋروپا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تېخىمۇ كۆپ سەۋەب ھازىرلاپ بەردى .رۇسىيە ھەممە بايلىقىنى بىر سېۋەتكە قاچىلاپ قويدى ، ئۇلار ئېنىقكى ئېكسپورتقا بەكلا تايىنىۋالدى .نېفىت بىلەن تەبئىي گازنىڭ تولىسىنى ياۋروپاغا سېتىپ بېرىدۇ .
لېكىن ھازىر ئۇكرائىنا كىرزىسى يۈز بېرىپ رۇسىيە ئاسالىق خېرىدارلىرى بىلەن دەتالاشقا چۈشۈپ قالدى .ياۋروپا ئەللىرى رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيىسىگە تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى قىلىۋاتىدۇ ، بۇ قېتىم توختام ئىمزالىنىپ قالسا جۇڭگو ئەلۋەتتە خوشال بولىدۇ .رۇسىيەمۇ ياۋروپالىقلار سىلەر ئېنىرگىيمىزنى ئالمىساڭلار مەيلى باشقا جايدىن ئالدىغان خېرىدار تاپتۇق دېيەلەيدۇ .سودا پۇرسىتى ئىزدەش مۇھىم بولسىمۇ لېكىن رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي ھەمكارلىقنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىشى بۇ توختامنىڭ ئىمزالىنىشىدىكى كاتالىزاتور .
تەبئىي گاز جۇڭگو بىلەن رۇسىينى شىرىن ئاي مەزگىلىگە باشلاپ كىردى ، بۇ تاراتقۇلارنىڭ ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى . ئۇنىڭغا قارىغاندا كورىيەنىڭ كورىيانلار خەۋىرى تور پونكىتىنىڭ باھاسى تېخىمۇ توغرا بولدى ،ئۇنىڭدا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزۈش تەبئىي گاز توختامى ئىمزالاش ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق نامايان قىلدى دېدى ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئىككى دۆلەت نۇرغۇن بوران چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شەكىللەندۈرگەن دېپلوماتىك تۈزۈم .ئانزورا رۇسىيىنىڭ مەلۇم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئۇ سۈي فېڭخې شەھىرىگە دائىم ساياھەت قىلغىلى مال سېتىۋالغىلى كېلىدۇ ،بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇنىڭ سۈي فېڭخېغا كېلىشى بارغانسېرى كۆپەيدى ،ئۇ ھازىر سۈي فېڭخې شەھىرىدىكى جىڭ يىڭ بازىرىغا كېلىپ 800رۇبلى خەجلەپ بىر كىيىم سېتىۋالدى ،ئۇ مۇنداق دېدى : ‹ گىرى رۇبلىنى خەلق پۇلىغا تېگىشىپ خەجلەيتۇق ،ھازىر بىۋاسىتىلا خەجلەيدىغان بولدۇق ،قولاي بۇلۇپ كەتتى .›.
سۈي فېڭخې نىڭ جۇڭگو رۇسىيە چېگرىسىدىكى سودا شەھەرچىسى دېگەن نامى بار ،ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم ئوبروت يولى ھېسابلىنىدۇ .بۇلتۇر 12-ئايدا گوۋۇيۈەن بۇ شەھەرنى تۇنجى سىناق نۇقتا تۈرى شەھرى قىلىپ تەستىقلىغان .بۇ 1949-يىلىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ چەتئەل پۇلىنى مەلۇم شەھەردە ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىشى ،بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پۇل بىلەن باراۋەر ئىقتىدارغا ئىگە .بېيجىڭ خاربىن دالىيەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بېرىش ھاجەتسىز .سۈي فېڭخېنىڭ ئۆزىدىلا يېتەرلىك خەلق پۇلىغا تېگىشكىلى بولىدۇ .رۇبلى ئىشلىتىش سىياسىتىنىڭ ئىشلىتىلشى رۇسىيىلىك ساياھەتچى ۋو سودىگەرلەرگە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى . سۈي فېڭخې نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق چوڭ رۇسىيە چېگرىىسنىڭ شەرقىي بۆلىكىدە بۇلۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇق ھالقىسىنىڭ كارتىنىسى .بۇنداق چوڭقۇر دوستلۇق ۋە تىنىچلىق ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس .
1969-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكشەنبە ،سىۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى دۇنيانى زىلزىلگە سالىدىغان جۇمبو ئارىلى توقۇنىشىنى پەيدا قىلغان ،ئەسلىدىلا نازۇك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلىشىپ ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-80يىللىرى رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى يىرىك بولغاچقا سودا سېتىق ئىشلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى .
دېڭ شىياۋپىڭ 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سىۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبىرى گورباچىف بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى . بۇ خىروشۇف 1959يىلى 9-ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرىشىىشى .رۇسىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر ئەمەلدارى مۇنداق دەپ بەردى :‹ گورباچىفقا بىر قىسىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى يەنە جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى يېزىپ بەردۇق ، گورباچىف يېڭى رەھبەر بولغاچقا جۇڭگوغا بارغاندا ئەدەپلىك بولۇشنى ئېيتتۇق ،ئۇنىڭغا سىز دىڭ شىياۋپىڭدىن كىچىك،سىز ئۇ بوۋاينىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتسىڭىز ئەدەپسىزلىك قىلغان بولىسىز شۇڭا سىز ئۇنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىڭ دېدۇق،كېيىن ئۇ شۇنداق قىلدى ،ئۇلارنىڭ كۆرىشىشى ئىنتايىن مۇۋپپەقىيەتلىك بولدى ›. ئىككى يىلدىن كېيىن سىۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتتى ،پۇتىن دەۋرىگە كەلگەندە قوش باشلىق بۈركۈت سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ شەرق بىلەن غەربكە تەڭ ئەھمىيەت بەردى .
بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى ،ئەمما ئۇ چاغدىكى جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 50-يىللىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتكە ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ ،جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بار ،بۇ خىل قانۇنىيەت جۇڭگو رۇسىيە ئىتتىپاقلىشىش قارشىلاشماسلىق ،ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق قاتارلىق جەھەتلەرگە بۆلۈنىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگو رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ،ئېدلوگىيەسىزلىكنى ئاساس قىلىدۇ .جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىمۇ مۇشۇ ئاساستا تىكلىنىدۇ .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ئېدولىگىيلىك ئىتتىپاقداشلىققا ئوخشىمايدىغان يەر شۇكى ، ھازىر جۇڭگو رۇسىيە دوستلۇقى تېخىمۇ كۆپرەك ئەل ئىچىدە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ .بۇلتۇر جۇڭگو رۇسىيە سودا سوممىسى 88مىليارد 800مىليون دوللارغا يەتكەن ،يىللىق ئېشىىش نىسبىتى 1.1%بولغان ، بۇ يىل ئاپرېلدىن يانۋارغىچە 9مىليارد 960مىليون دوللارغا يېتىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.9% ئاشقان ،جۇڭگو ئۇدا تۆت يىل رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بۇلۇپ كەلگەن .جۇڭگو رۇسىيە سودا سوممىسى 2015-يىلى 100مىليارد دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە .ئىقتىساد سودا تەرەققىياتى بىلەن تەڭ يەنە مەدەنىيەت ئالاقىسىمۇ چوڭقۇرلاشتى ،2006-يىلىدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ،دۆلەت تىلى ۋە يىللىق پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئۆتكۈزدى ،نۆۋەتتە رۇسىيىگە ساياھەتكە بارىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى گېرمانىيدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
ئالدىنقى ئەسىردىن بۇيان جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق ياكى يېقىن بۇلىشى خەلقئارا ئەندىزىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغان مۇھىم ئامىل بۇلۇپ كەلگەن . گېرمانىيە ئەينەك ھەپتىلىكى ژۇرنىلى بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو رۇسىيە ھەمكارلىقى يېڭى شەرقنى يارتىدۇ دەپ باھا بەردى .ئەمما شەرقتىكى بۇ خىل يېڭىچە كۈچ غەر بىلەن قارشىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ .جۇڭگو رۇسىيە ھەمكارلىقى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك بولماستىن ھەمراھلىقنى يادرو قىلغان ،يەنى خەلقئارا سەھنە بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئىچىدە دوستلۇق كۈچى بۇلۇپ قالدى. فرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىكىگە سۇنغان سۈرىيە ۋەزىيىتىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇش توغرىسدىكى لايىھە 22-ماي ماقۇللانمىدى ،جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تەڭلا قارشى ئاۋاز بەردى .
23-ماي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خەۋپسىزلىك كېڭىىشنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈر ۋېتىدۇ ،مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ قىيىن ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ ،ئاخىرى ئازاپ ئوقۇبەتكە قالىدىغىنى يەنىلا سۈرىيە خەلق ۋە شۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بۇلۇپ قالىدۇ دېدى .بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم ماسلىشىشى ئەمەس .2013-يىلى ئاۋغۇستتىن سىنتەبىرگىچە جۇڭگۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكا ئاخىرى سۈرىيە ئۇرۇشىنى قوزغىيالماي قالدى . جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا كىرزىسىنى تۈگىتىشكە يېقىندىن ماسلاشتى ،ئىككى دۆلەتنىڭ پۈتۈن دۇنيا ۋە رايون مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانى يېقىن ياكى بىردەك بولدى .
جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بۇلۇش سۈپىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ،كېسەك ئالتۇن دۆلىتى باشلىقلار يىغنى ،ئاسىيە ئۆز ئارا ھەمكارلىق چە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ھەمكارلىشىپ ،مۇھىم كۈچ بۇلۇپ شەكىللەندى .جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ب د ت رامكىسى ئىچىدە خەلقئارا سىياسىي ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا نۇرغۇن ئىجابىي پىكىرلەرنى بەردى ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ جۇڭگو رۇسىيە يەنە رايون مۇقىملىقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوغداشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ .22-ماي ئۈزۈمچى شەھرى سايباغ رايونى شىمالىي كوچىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 39بىگۇناھ پۇقرا قازا قىلىپ 94 ئادەم يارىلاندى ،شۇ كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دەرھال ئېلىمىزنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ جۇڭگودىن چوڭقۇر ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،تېررورىزم ۋە ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىزچىل قۇيۇق ھەمكارلاشتى ،دۆلىتىمىزىدمۇ تېررورلۇق مەسىلىسى بار ،كاۋكاز ۋە باشقا رايونلىرىدىمۇ تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت .ھەتتا ۋەزىيەت جۇڭگودىنمۇ ئېغىر ،شۇڭا ھەمكارلىقنى كۆپەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .
بۇنداق ھەمكارلىق ئاۋال ئۇچۇر تەرەپتىكى ھەمكارلىقتىن باشلىنىدۇ .ئامېرىكا ئاق سارايمۇ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى تەنقىد قىلدى ، بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودىكى يۈز بەرگەن تېررورلۇققا كەسكىن ئەيىبلەش پوزىتسىيىدە بۇلىشى ،ئىلگىرى داۋاملىق مۇرەككەپ پوزىتسىيىدە بۇلۇپ كەلگەن .جۇڭگو ئامېرىكا رۇسىيە چوڭ دۆلەتلەر ،ئامېرىكا ئەمەلىي كۈچى زور دۆلەت ،جۇڭگو بىلەن رۇسىيەمۇ گۈللىنىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ،ئەمما ئۇلاردا چوڭ ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس .بىراق چوڭ دۆلەت ئارىسىدىكى بىر خىل ئىستىراتېگىيىلىك قوزغىتىش بار .رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئاساسىي يەر ئەۋزەللىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسلاھاتى دېيىشكە بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved