تۇنىستا چوڭ شەھەرلەرنى ئارمىيە قوغدايدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 19-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۇنىس پرېزىدېنتى سىبسى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر كىشى ئۆلتۈرۈلگەن مۇزىي ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنىستىكى چوڭ شەھەرلەرنى تۇنىس ئارمىيسىنىڭ قوغدىشى ھەققىدە قارار چىقاردى.
پرېزىدېنت ئىشخانسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يۇقارقى قارارنىڭ تۇنىس ئارمىيسى دائىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ جەرياندا مۇزىي ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارالغان 4 گۇماندار قولغا ئېلىندى. تۇنىس پايتەختىدە تۈنۈگۈن مەجلىس بىناسىغا يېقىن جايدىكى بىر مۇزىي ھۇجۇمغا 19 پۇقرا ۋە بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىككى نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى قۇراللىق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. باش مىنىستىر ھەبىب سىد بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ مۇزىيغا ھەربىي فورما بىلەن كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇنىس باش مىنىستىرى تېرورغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق پارتىيە ۋە پۇقراۋى جەمئىيەتلەرنى بۇ مۇساپىدە تۇنىستا مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى قوللىشىغا چاقىرىق قىلدى.
باش مىنىستىر سىد، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە مۇھىم ئىلگىرلەشلەر بولغانلىقىنى ۋە بىر قانچە كىشىنىڭ تۇنىسنى ئۆز يولىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقتىن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ھەبىب سىد يەنە، ئارمىيە ۋە ساقچى قىسىملىرىنىڭ بارلىق ئىمكانىيتىنى چىقىرىشى كىرەكلىكىنى ئېيتتى.

تۇنىس نەھزە «ئويغىنىش» ھەرىكىتى رەھبىرى راشىد غەننۇشى، مۇزىي ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلارغا خىتاب قىلىپ، «سىلەرنىڭ تېرورلۇق قىلمىشىڭلار تۇنىس خەلقىنىڭ ئاياق ئاستىدا قالىدۇ» دېدى. غەننۇشى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 21 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارغا «كۈچىمىزنى ئ‍اجىزلاشتۇرالمايدۇ ۋە بىرلىكىمىزنى پارچىلىيالمايدۇ» دېدى. باياناتتا يەنە «بۇ ۋەقە تۇنىسنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە تۇنىس ساياھەتچىلىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان» دېيىلدى.



20-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek