ئۆي ئىشىنى قىلىش، تاماق ئېتىش، چوڭلارنىڭ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاياللارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئېغىرلاشقانسېرى باشقىلاردىن دائىم قاقشايدىغان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن كۆپ قاقشايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن:
كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدا كۆپىنچە ھەيز ئاز كېلىش، ھەيز توختاپ قېلىش، تۇغماسلىق، يۈزى سارغىيىپ قېلىش، سەمرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قالقانبەز جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكىمۇ ئاياللاردىكى ئىچكى ئاجرالما كېسەللىكى، بۇنىڭدىن سىرت بۆرەك ئۈستى بېزى كېسەللىكىمۇ ئاتىلىق ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشنى كۆپەيتىپ، ئاياللاردا ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار تۇرمۇشتىن بەك زارلىنىپ كەتمەسلىكى، كۆپرەك كۈتۈنۈپ ئۆزىنى ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېمەكلىك، ساغلاملىققا كۆپرەك ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved